
بەدەننىڭ راك كېسىلىدىن بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
1. پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقانداق يېرىدە قىزىرىش، ئاغرىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن مونەك پەيدا بولىدۇ ھەمدە تەدرىجىي يوغىنايدۇ.
2. قارا مەڭ تۇيۇقسىز چوڭىيىپ، يۈزىدە يېرىقچىلار پەيدا بولۇپ سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ ياكى چىرىپ، قارامتۇل كۆك رەڭگە كىرىدۇ، تۆت ئەتراپىدا كىچىك چېكىتلەر پەيدا بولىدۇ، مەڭنىڭ يۈزىدىكى ئەسلىدە بار بولغان تۈكلەر چۈشۈپ كېتىدۇ.
3. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ بىرىنچى قېتىم چىقارغان بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش ياكى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، بىر تەرەپتىكى قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بويۇن قىسمىدا مونەك پەيدا بولۇش.
4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان تۆت ھەپتىدىن ئارتۇق ئۈنى پۈتۈپ قېلىش ياكى يۆتىلىش قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىش، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆكرەك قىسمى ئاغرىش، تەكرار قېقىلىپ يۆتىلىش، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش.
5. تاماق يېگەندە دائىم يېمەكلىك تۇرۇپ قېلىش، تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقىسى چىڭقىلىپ بىئارام بولۇش، يۇتۇش قىيىنلىشىش ھەمدە تەدرىجىي ئېغىرلىشىش.
6. داۋاملىق ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئاشقازان ئاغرىش قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئاشقازان كۆپۈش، ئىشتىھاسىزلىق، كېكىرىش، زىيادە ئورۇقلاپ كېتىش، قان ئازلىق.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )