
سىز بەزى ۋاقىتلاردا بەدىنىڭىز ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلامسىز؟ ھەتتا بىر كۈن خىزمەت قىلمىغان ياكى ھەرىكەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ بەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلامسىز؟ مانا بۇ بەدەندە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتىكى ھالقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىققان چارچاش ھادىسىسى. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟ بۇنداق ئەھۋاللارنى يېمەكلىك ئارقىلىقمۇ تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، يەنى كۆپ ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، ھارغىنلىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.
بانان
بانان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، تەمى تاتلىق، تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مەسىلەن ماگنىي ۋە كالىي بار، پىشقان باناننىڭ ماي مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئاسان ھەزىم بولىدۇ. بانان تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ گىلىكوگېن ياكى گىلۇكوزىغا ئايلىنىدۇ، گىلۇكوزا بولسا بەدەندىكى ئېنېرگىيەنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن خۇلاسە چىقىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بانان ھەرىكەت ئىچىملىكىگە ئوخشاشلا پايدىلىق.
تاتلىق ياڭيۇ
تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى مۇرەككەپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئىنچىكە ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ، بۇ بەدىنىڭىزنى مۇقىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە يەنە تالا ماددىسى مول بولۇپ، سىزنىڭ ئېنېرگىيەرىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاشقا پايدىلىق. تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن C، كاروتىن، ماگنىي ۋە تۆمۈر مول بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەم بولسا بولمايدىغان ئېنېرگىيە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىدۇر.
يېشىل چاي
يېشىل چاينىڭ ئاساسلىق پايدىسى ئېنېرگىيە ۋە ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكاندىن بەش ئىستاكانغىچە يېشىل ئىچىپ بەرسىڭىز بەدىنىڭىزنىڭ ئارتۇقچە ئىسسىقلىقىنى كۆيدۈرۈشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ. يېشىل چاي يەنە ياغنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە سەۋىيەسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.
تۇخۇم
تۇخۇم ئاقسىل تەركىبى مول بولغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، ئۇ يەنە ساغلام بولغان بەدەن ئىقتىدارى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق زۆرۈر ئامىنو كىسلاتالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشتا غايەت زور رول ئوينايدۇ، ئېچىرقاش تۇيغۇسىنى قاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۇخۇمدا يەنە لېيتسىن مول بولۇپ، چىدامچانلىق مەشىقى قىلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن بىر خىل قىممىتى بار يېمەكلىك ھىسابلىنىدۇ.
ھەسەل
ھەسەلنىڭ تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولۇپ، بەدەن سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى تولۇقلايدۇ. ئۇلار يەنە گىلىكوگېن سەۋىيەسىنى ساقلاشقا، مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
موگۇ
موگۇ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ، چارچاشقا قارشى تۇرۇپ، بەدەن سەۋىيەسىنى ياخشىلايدۇ.
پالەك
پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر، ماگنىي ۋە كالىي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. ماگنىي ھۈجەيرە ئېنېرگىيەسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەننى ئارام ئالدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
سالمون بېلىقى
سالمون بېلىقىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بەدەنگە ناھايىتى پايدىلىق. سالون بېلىقى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سالمون بېلىقىنىڭ يەنە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
قاتتىق پوستلۇق مېۋە
قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك ماي، تالا ۋە ئاقسىل بار بولۇپ، بەدەننى مۇقىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار بار بولۇپ، بىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە يەنە تۆمۈر، سىنك، كالىي ۋە ماگنىي مول. ئۇلاردا سېلېن، مانگان ۋە مىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاچقۇچلۇق ماددىلار ناھايىتى مول بولۇپ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكسى كېسىلى بىمارلىرى ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا(0 باھا بار )
- 2020: قانداق قىلغاندا ئېغىز پۇراشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ(0 باھا بار )
- 2020: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي يەپ-ئىچكەندە تەن ساغلام بولىدۇ دەيمىز؟(0 باھا بار )
- 2020: ناشتىدا بۇ 6خىل يېمەكلىكتىن دىققەت قىلىش(0 باھا بار )