
يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، قەھۋە ئىچمەيدىغان ھامىلىدار ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان (قوبۇل قىلىدىغان كوفېئىننىڭ مىقدارى 200 مىللىگرامدىن تۆۋەن) ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىكى بەدەن شەكلى تېخىمۇ كىچىك، بەدەن ئېغىرلىقى تېخىمۇ يېنىك بولىدىكەن، ئەمما بۇ خىلدىكى بوۋاقلارنىڭ كەلگۈسىدە سېمىزلىك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كوفېئىن بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمراھى قان تومۇرلىرىنى تارايتىپ، ھامىلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار كوفېئىن ھامىلىنىڭ سېزىمچانلىق ھورمۇنىنى بۇزۇپ، بوۋاقنى تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ھەمدە كېيىن سېمىزلىك، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
تەركىبىدە كوفېئىن بولغان ئىچىملىكلەر قەھۋە، چاي، سودا سۈيى ۋە ئېنېرگىيە ئىچىملىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.