بالىلار ساغلاملىقى

بالا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولسا ئاتا -ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

  1. ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

040512291231500016973082-1

ئاتا ـ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بالىلىرىمىزغا قانداق كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك؟
كىلىنىكىدا بالىغا خامۇشلۇق كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى بارلىق ئاماللارنى قىلىپ كەسپىي دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، تىت ـ تىت بولغان ھالدا پەرزەنتىدىن ئەنسىرەيدۇ، بەزىلەر دورىنى بىردىنبىر جاننى قۇتقۇزىدىغاندەك، بالىغا پەقەت دورا تەييارلاپ بەرسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بەزىلىرى دوختۇرنىڭ دىياگنوزىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار تەسىرلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە پەرزەنتىنى ئېلىپ بېرىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ئىشنى قىلغۇزىدۇ، شۇنداقلا دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى، ئىپادىسى ۋە داۋالاش ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە بولغان تونۇشى ۋە بالىلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە بولغان ئىنكاسى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا ـ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بالىلىرىمىزغا قايسى جەھەتتە ۋە قانداق كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك؟
1. كېسەللىكنى تونۇش ۋە قوبۇل قىلىش.
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %1.8-%7.8كىچە بولۇپ، تىپىك كېسەللىك ئالامىتى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، تەپەككۇرى ئاستا بولۇش، ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدىكەن، لېكىن ھەربىر بالىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى سەل پەرقلىق بولىدىكەن. دوختۇر خامۇشلۇق كېسىلى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويغان بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۇنى ئاقىلانە قوبۇل قىلىشى كېرەك. مۇھىمى خۇددى بەدەندىكى كېسەللىكلەرگە ئوخشاش قاراپ، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش لازىم.
2. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش.
ئائىلە باشلىقلىرى روھىي-پىسخىكىغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت تورىغا دىققەت قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار بىلىملەرگە ئىگە بولۇش؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرغا ماسلىشىپ، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، داۋالاش لايىھەسى، دورىنىڭ ناچار تەسىرى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى كېرەك.

0405140105812000000000000153

3. روھى جەھەتتىن قوللاش.
ئائىلە باشلىقلىرى ياكى چوڭلار بىلەن كېسەلنى داۋالاشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىشى ھەمدە روھىي جەھەتتىن قوللىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئوقۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، بالىلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش سەۋەبى، قوزغاتقۇچى ئامىللار، كەيپىيات ۋە ھەرىكەت ئىپادىسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىگىلەشكە قولايلىق يارىتىش كېرەك.
4. ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش.
ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، كېسەللىككە بولغان تونۇشى، ئاكتىپ، پايدىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرى، ئۆزىنىڭ تەسىراتى، تەسىراتى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، پىسخىكا جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى بىللە بېرىپ دوختۇر بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالا بىلەن دوختۇر پىكىر ئالماشتۇرغاندا، دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم قىلىپ، دورا ۋە پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشىيەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىلار ئەنسىرىگەن دورىنىڭ ناچار تەسىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېنىكلىتىلسىمۇ ياكى ساقلانسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىسخىكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كېسەللىكنى تېخىمۇ ياخشى ۋە تېز تونۇشقا، خاتا تونۇشنى ئۆزگەرتىشكە، كەيپىيات ۋە ھەرىكەتنى ياخشىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى