بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك

 

ھەرىكەتتىن كېلىدىغان تەر ئاقىلىق ھۆللۈكنى ھەيدەش
تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، مايسىز تائاملارنى مۇۋاپىق يەپ بېرىش
نەم مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرماسلىق
ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان يېمەكلىكلەر
كۆممىقوناق : كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، گۈرۈچ، بۇغداينىڭ بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە كېلىدۇ، ئالاھىدە سورتلۇق كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى كۆممىقوناققا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. تاتلىق كۆممىقۇناق تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن ئادەتتىكى كۆممىقۇناققا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە، سېلېننىڭ مىقدارى سەككىز ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى ، تەركىبىدىكى 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدىكى 13خىلى ئادەتتىكى كۆممىقۇناقتىن بىر قەدەر يۇقىرى. كۆممىقوناق تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ. ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەن ۋە سۆزنەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

پىچەكگۈل(شەنياۋ): ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، تېرە ئاستىدىكى مايلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدۇ، سەمرىپ كېتىشنى تېزگىنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. تەركىبىدە ئاقسىل، شېكەر، ۋىتامىن، ماي، خولىن، كراخمال ئېنزىمى قاتارلىقلاردىن سىرت يەنە يود، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور قاتارلىق ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئانئورگانىك تۇز ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار. جۇڭيى تېبابىتىدە، پىچەكگۈلنىڭ تال،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياخشىلاش رولى بار،ئۇنىڭ يەنە تال زەئىپلىشىشتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، ئاستا خارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى، ئۆپكە ئاجىزلىشىشتىن بولغان يۆتەل، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، دىئابېت كېسىلى، سىيىپ قويۇش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمى بار.

ئوسۇڭ : تەبىئىتى سوغۇق، سۇلۇق ئىششىق، سۈدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇسۇڭ تەركىبىدىكى كالىي مىقدارى ناترىي مىقدارىدىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەندىكى سۇ ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، يۇقىرى قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن داۋالاش رولى بار .

تەسۋىقوناق: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ،بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ. تال زەئىپلىشىشتىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى ياخشىلايدۇ.

لامىنارىيە: لامىنارىيە زەھەر ھەيدەيدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدىكى يود بولسا يود كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان قالقانسىمان بەز ئىششىقىغا نىسبەتەن داۋالاش رولى بار . تەركىبىدىكى ماننىتول بولسا بىر خىل قىممەتلىك دورىلىق ماددا بولۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە .
تاتلىقياڭيۇ: تاتلىقياڭيۇنىڭ تال-ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، تەركىبىدىكى تالالىق ماددىلار ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئاشقازان – ئۈچەي لۆمۈلدەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرخەمەك: تەبىئىتى سوغۇق، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، ئۈچەينى سىلىقلاش، ئاغرىق توختىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار، تارترونىك كىسلاتا قەنت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مايغا ئايلىنىشىنى تېزگىنلەپ، سېمىز ۋە يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەرگە پايدىلىق .
تېرىق: تەركىبىدىكى تالالىق ماددا ئاسان ھەزىم بولىدۇ، زەھەرنى ھەيدەپ،سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى .

تەكىيە كاۋا: ئاغزى ئاسان قورۇيدىغان، سۇلۇق ئىششىق، كىچىك تەرىتى راۋان ئەمەس كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. تەركىبىدىكى ناترىي تۆۋەن بولۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مايغا ئايلىنىپ كېتىشىنى توسۇپ، ناترىي سۈيىنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدۇ، بۆرەك كېسىلى، ئىششىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يېمەكىلىك ھېسابلىنىدۇ.

قىزىل پۇرچاق : زەھەرنى ھەيدەپ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ،تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، قان بېسىم، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ، قاندىكى شېكەرنى تەڭشەپ، راكقا قارشى تۇرىدۇ، تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سېمىز، ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەن، قورسىقى كۆپۈپ،ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەر يېسە پايدىلىق.
سەۋزە: سەۋزىنىڭ قەۋزىيەتنى ياخشىلاش رولى بار، يېڭى سەۋزە زەھەرنى ھەيدەپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى