بالىلار ساغلاملىقى

بالىلاردا كالتسىي ئېغىر كەمچىل بولسا قانداق تولۇقلاش كېرەك

كالتسىي بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %1.5تىن %2.0تىنى ئىگەللەيدۇ. % 99 كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشقا مەركەزلەشكەن . نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئەگەر كالتسىي كەم بولسا، سۆڭەك بىلەن چىشنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بوۋاقلاردا كالتسىي كەم بولسا راخىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كالتىسىي كەملىك ئالامىتىنى بايقىغان ھامان، بالىغا چوقۇم ۋاقتىداكالتسىي تولۇقلاش كېرەك.
كالتسىي تولۇقلاش مەھسۇلاتى
كالتىسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاتا-ئانىلار تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى بىر قەدەر مول بولغان ئانئورگانىك كالتسىيلىق مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن ، كالتسىي كاربونات، كالتسىي لاكتات قاتارلىق مەخسۇس بوۋاقلار كالتسىي تولۇقلاش يۈرۈشلۈكىنى تاللاپ، ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا بالىغا ئىچكۈزۈش كېرەك. ئادەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يېرىم ئايدىن بىر ئايغىچە بولغان بالىلار تاكى ئىككى يېرىم ياش ياكى ئۈچ ياشقىچە ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش
قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن سۈت مەھسۇلاتلىرى بولسا كالتىسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش، چۈنكى سۈت مەھسۇلاتلىرى بولسا كالتسىي مىقدارى ئەڭ مول بولغان يېمەكلىك ھەم سۈمۈرۈلۈشىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋە تەركىبىدىمۇ ئاز مىقداردا كالتسىي بار، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ كالتىسي مەنبەسى مول بولغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ،تەركىبىدىكى ۋىتامىن D كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن، كالا سۈتى، ئىرىمچىك، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك، يېشىل كۆكتات، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك، ئاپېلسىن شەربىتى قاتارلىقلار يېمەكلىكلەرنى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئېستىمال قىلدۇرۇش كېرەك .
ئاپتاپقا قاقلىنىش
مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلىنىش بالىنىڭ بەدەندىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق، بالا تېرىسىنى كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلاپ، ۋىتامىن D تولۇقلاپ بېرىش كېرەك.
بالىلاردا ئېغىر دەرىجىدە كالتسىي كەملىكنىڭ ئىپادىسى
1.بوۋاق ئاسان تىتىلداپ، دائىم سەۋەبسىز يىغلايدۇ ھەمدە ئاسانلىقچە ئۇخلىيالمايدۇ،ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىدۇ.
2. ئاسان تەرلەيدۇ، گەرچە ھاۋا بەك ئىسسىق بولمىسىمۇ تەرلەيدۇ.
3. چېچى سارغىيىپ، شالاڭلىشىپ كېتىدۇ.
4.ئوخشاش ياشلىق بالىلارغا قارىغاندا چىشى كېيىن چىقىدۇ ياكى چىشلىرى تەكشى ئەمەس، يۇقىرى -تۆۋەن چىشلىرى جىپسىلاشمايدۇ، چىشى بوشاپ، ئاسان سۇنۇپ، بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ.
5. بالىنىڭ مېڭە لىپىلدىقى ئاسان قاتمايدۇ ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
6. ھاڭۋاقتى بولۇپ قالىدۇ، چىراي ئىپادىسى ئاز، ھەرىكەت ۋە تىلى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا كېچىكىپ يېتىلىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى