ساغلاملىق بىلىملىرى

تۈنىگەندىن كېيىن ئۇيقۇنى قايتا تولۇقلىۋالغىلى بولامدۇ؟

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

040522390177300004418093

تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون ئويناپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر بىر كىشىنىڭ تۈنەش سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك تۈنەپ ۋەزىپىنى تاماملىسا، بەزىلەر يانفوندا ئويۇن ئويناپ كېچىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا مۇسابىقە كۆرۈپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلايدۇ. لېكىن مەيلى قانداقلا سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇزاق مۇددەت تۈنەش سالامەتلىكىمىزگە نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ تەسىرى ئاساسلىقى فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتە، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى، دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پىسخىكا جەھەتتە بولسا، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، كەيپىياتى ناچار بولۇش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

040522372857100004418093

ئۇيقۇ ھالىتى شەخسنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتى، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە ئويغانغاندىن كېيىنكى فىزىيولوگىيەلىك ھالەت ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كەچ سائەت 00: 22 ئەتراپىدا ئۇخلاش، ئۇخلاش ۋاقتى 7-8 سائەت ئەتراپىدا بولۇش ۋە ئويغانغاندىن كېيىن روھىي ھالىتى ياخشى بولۇش، بەدەندە بىئاراملىق ھېس قىلماسلىق ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئامىللار بولۇپ، ئەگەر ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەن بولسا، ھەپتە ئاخىرىدا «ئۇيقۇ تولۇقلاپ» كۆپرەك ئۇخلىسىمۇ، ئادەتتىكى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلىق تەسىرنى ئازايتالمايدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ئۇيقۇ كەمچىل بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك «ئۇيقۇ تولۇقلاش» تەجرىبىسىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇسكۇلى ۋە جىگىرىدىكى ئالاھىدە ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ ناچار بولىدىكەن. ئاددىي ئېيتقاندا، ئادەتتە ئۇيقۇسى كەمچىل كىشىلەر، ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاپ ئۇيقۇنى تولۇقلاشنى ئويلىسا ئەكسىچە مېتابولىزم قالايمىقانلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا ئەگەر راستىنلا ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماي بەدەندە بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

040522392130000004418093

تۈنىگەندىن كېيىن ئۇيقۇنى قايتا تولۇقلىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا گەرچە تۇرمۇش رىتىمى شۇنچە تېز، يانفوندىكى ئويۇن ۋە ۋىدىيولار قىزىقارلىق بولسىمۇ، يەنىلا ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئامال بار تۈنىمەسلىكىمىز لازىم. سالامەتلىكىمىزنى قولدىن بېرىپ قويمىساقلا باشقا ئىشلارنى خاتىرجەم قىلالايمىز. چۈنكى «تەن ساقلىق، زور بايلىق!»

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى