يىېمەكلىكلەر

مانگونى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، يۈزدىكى قورۇقنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مانگو كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇپ، مانگو ئىستېمال قىلىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆپ خىل پايدىسى بار. باشقا كۆپ خىل قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋە ۋە كۆكتاتلارغا ئوخشاش، مانگو تەركىبىدە كاروتىن ۋە باشقا تۈردىكى كاروتىن، شۇنىڭدەك فېنول كىسلاتاسى، فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمە بىلەن مانگوئىن قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ، بۇ ماددىلار تېرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

040521513841200000031630

يېقىندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى داۋىس شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «ئوزۇقلۇق» ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە تېرىسى ئاق، ھەيز توختىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مانگونى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا يۈز قىسمىدىكى قورۇقلارنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

بۇ تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار پىشقان يېڭى مانگونى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پوستىنى ئېلىۋېتىپ، نېپىز توغراپ، ئاندىن نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق ئىشكاپتا ساقلىغان (چۈنكى بەك ئىسسىق ھاۋا مانگو تەركىبىدىكى قان بۇزۇلۇشقا قارشى كىسلاتا ۋە باشقا ۋىتامىنلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).تەتقىقاتچىلار يەنە ھەيز توختىغان كۆپلىگەن ئاياللارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر قېتىمدا 85 گىرامدىن، ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم مانگو ئىستېمال قىلغان؛ يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر قېتىمدا 250 گىرامدىن ئىستېمال قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا، سىناققا قاتناشقۇچىلار ھەر كۈنى يەنە 500 گىرامدىن ئارتۇق كۆكتات ئىستېمال قىلغان. ئىككى گۇرۇپپىدىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېمەكلىك ۋە ئىشلەتكەن بۇيۇملىرىنىڭ ئوخشاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. تەتقىقاتچىلار يەنە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بىرىنچى، سەككىزىنچى ۋە 16- ھەپتىدە قاتناشقۇچىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، قاراڭغۇ مۇھىتتا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىنغا ئېلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈز قىسمىنى سۈرەتكە تارتىپ، قورۇق ئەھۋالىنى باھالىغان ھەم كۆزى ئەتراپىدىكى قورۇق ۋە يۈز قىسمىدىكى قىزىل داغلارنى خاتىرىلەپ ماڭغان.

تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى شۇنداقلا يېڭىدىن پەيدا بولغان سىزىقچىلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر قېتىمدا 85 گىرام مانگو ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنىڭ ئىككى ئايدىن كېيىن %23، تۆت ئايدىن كېيىن %20 ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان؛ تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مانگونىڭ قورۇق يوقىتىش ئۈنۈمى ئۇنىڭدىكى كاروتىننىڭ پايدىلىق رولىدىن كەلگەن بولۇشى ھەمدە كوللاگېن ئاقسىلى پەيدا قىلىشقا پايدىلىق بولغان باشقا ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلىرىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

040521510173900000031630

بىراق مانگونى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى، ھەر كۈنى 250 گىرام مانگو ئىستېمال قىلغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ 16 ھەپتىدىن كېيىن يۈزىدىكى قورۇقلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەن، شۇنداقلا بۇرۇنقى قورۇقلىرى تېخىمۇ روشەنلەشكەن؛ مانگونى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمنىڭ ئەكسىچە بولۇشىدىكى سەۋەب، مانگو تەركىبىدە تەبىئىي شېكەرنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، زىيادە كۆپ قەنت بولسا تېرىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، كوللاگېن ئاقسىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، قورۇقنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.

يەنە بىر ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مانگو ئىستېمال قىلىشتا يەنە زىيادە سېزىمچانلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى مانگو تەركىبىدە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدىغان ئاقسىل، مېۋە يېلىمى، ئالدېگىد كىسلاتاسى بار، تېرە شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ پىشمىغان مانگونىڭ تەركىبىدە رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان تەركىبلەرنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر مانگو يېگەندە پوستىنى سويۇۋېتىشنى ياخشى كۆرگەچكە، يېيىش جەريانىدا يۈز تېرىسى رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاندىن كېيىن، رېئاكسىيە قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ئەگەر مانگو ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، كالپۇك قىسمى ۋە ئەتراپى قىزىرىش، ئەسۋە چىقىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال يېيىشنى توختىتىش ھەمدە ئېغىزنى ۋاقتىدا چايقاش، يۈز، قولنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، لۆڭگىنى سۇغا چىلاپ سوغۇق ئۆتكۈزۈش كېرەك. زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بارلار مانگو بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، ئەڭ ياخشىسى پىچاق بىلەن مېۋە ئېتىنى ئۇششاق توغراپ يېيىشى كېرەك. ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، مەسىلەن، يۈزگە چوڭ قىزىل ئەسۋە چىقسا، ھەتتا يېنىك سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلارنى سۈركەش كېرەك.

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى