بالىلار ساغلاملىقى

كىچىك بالىلار قانچە ياشتا قۇرت چۈشۈرسە بولىدۇ؟

 

يېقىندا بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ قورسىقىنىڭ دائىم ئاغرىيدىغانلىقىنى، قارىماققا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك، بالىنىڭ قورسىقىنى ئۇۋۇلاپ قويسا ياخشى بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئاغرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان، بۇ ئالامەتلەر بالىنىڭ قورسىقىدا قۇرت بارلىقىدىنمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئاتا – ئانىلارنىڭ تىت-تىت بولۇشىمۇ نورمال ئەھۋال، ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ بالىلار بىر نەرسە يېگەندە تازىلىققا دىققەت قىلمايدۇ، سوغۇق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ، دائىم قورسىقى ئاغرىيدۇ.

040522540531100016061200-1

قۇرت چۈشۈرۈشتە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قۇرت چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئىپادىسىگە قاراش كېرەك :

● كېچىسى ئۇخلىغاندا، بوۋاقنىڭ ساغرىسىدا ئاق رەڭلىك كىچىك قۇرتنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك، قۇرت بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يىلتىزسىمان بولىدۇ؛

● بالىلار ئۇخلىغاندا شۆلگەي ئېقىش – ئاقماسلىق، شۆلگەي ئېقىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراش كېرەك؛

● بالىنىڭ يۈزى ياكى بوينىدا تىرناق چوڭلۇقىدا ئاق داغ بار-يوقلۇقىغا قاراش؛

● بالىنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىش، ئۇۋۇلمىسا ياخشىلانماسلىق؛

ئەگەر بالىدا ئىككى خىلدىن ئارتۇق ئەھۋال كۆرۈلسە، بالىنىڭ قۇرۇت چۈشۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

040522552724100016061200-1

ئادەم بەدىنىدە پارازىت قۇرتلار پەيدا بولىدۇ، پارازىت قۇرتلارنىڭ بالىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، بالىدا سازاڭ مەددە بولغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلار.

ئىلمەك مەددە قۇرتلىرى ھەزىم قىلىش يولىدا ئاسانلا ئاچكۆزلۈك ۋە ئاچلىق پەيدا قىلىدۇ ياكى ئىشتىھاسىزلىق پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا چوڭ تەرەت قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالا تۈتۈ مەددە قۇرت بىلەن يۇقۇملانسا، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەت مەقئەت قىچىشىش ھەمدە دائىم كۆزنى چىمچىقلىتىش.

تاسما قۇرت بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەت قورساق ئاغرىش بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ياكى پۈتۈن قورساق قاتتىق ئاغرىيدۇ.

040522555486200016061200-1

شۇڭا بالىلاردىكى قۇرتنى چۈشۈرۈش ناھايىتى زۆرۈر. لېكىن، ئىككى ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ تېنى ۋە جىگىرىنىڭ تولۇق يېتىلمىگەنلىكى تۈپەيلى، قۇرت چۈشۈرۈشنى ئويلاشماسلىق كېرەك. كۆپ ساندىكى قۇرت چۈشۈرۈش دورىلىرى تەركىبى بالىنىڭ جىگەر ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا بالىنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالىغا چوقۇم قۇرت چۈشۈرۈش زۆرۈر بولسا، قۇرت چۈشۈرۈش كەمپۈتى (塔小糖) بېرىش كېرەك، بۇ يېمەكلىك ئارقىلىق قۇرت چۈشۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كاۋا ئۇرۇقى، قارا ئۆرۈك، شاتارى قاتارلىقلارنىڭ قۇرت چۈشۈرۈش رولى بار، يەنە پېچەكگۈل، پالما مەرىزى، سۇ لەيلىسى، چوڭ چىلان، ئاق يېسسىمۇق قاتارلىقلارنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار؛ بالىلارنىڭ جىگەر، تال ۋە ئاشقازىنىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بۇ بالىلارنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق قۇرت چۈشۈرۈش ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ.

040522562128600016061200-2

ئەلۋەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشى، بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، بارمىقىنى شورىماسلىق كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ قورسىقىدا قۇرت بولسا، بىۋاسىتە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك، قۇرت چۈشۈرۈش كەمپۈتى بىلەن يېمەكلىك ئارقىلىق قۇرت چۈشۈرۈش، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى