
- بەيدۇ تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى :
ئادەتتە ئاياللار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى بىلىدۇ، لېكىن كۆپىنچە ئەرلەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا سەل قارايدۇ، ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟
نۇرغۇن ئەرلەر ئىزچىل تۈردە بالا تۇغۇش ئاياللارنىڭ ئىشى، ئۆزى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ، ئاخىرىدا بالىلىق بولالمىسا ئايال تەرەپتە مەسىلە بار دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق مەسىلدە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتى بولىدۇ.
ئەر-ئايال ئىككىيلەندە ھامىلىدار بولالماسلىق مەسىلىسى يۈز بەرگەندە، ئىككىيلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تېخىمۇ ئەتراپلىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى كېرەك. ئادەتتە ئەرلەرنىڭ تۇغماسلقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك 10 خىل.
1. سۈيدۈك يولى
سۈيدۈك يولى ياللۇغلانسا ياكى باكتېرىيە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا، ئۇرۇقنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. مەزى بېزى
ئادەتتە ئىسپېرما تەركىبىدە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى %30 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ئىسپېرمىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر مەزى بېزى ياللۇغلانسا، يۇقۇملانسا، ئىسپېرما تەركىبى ئۆزگىرىپ، ئىسپېرمىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى، ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئىسپېرما ئازلاپ كېتىش، ئىسپېرما ئۆلۈپ قېلىش، سۇيۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئۇرۇق خالتىسى ۋە ئۇرۇق نەيچىسى
ئۇرۇق خالتىسى سۇيۇقلۇقى ئۇرۇق سۇيۇقلۇقىنىڭ %60نى ئىگىلەيدۇ، ئۇرۇق خالتىسى بىلەن ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسى ئۇرۇق يەتكۈزۈش، ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەگەر ياللۇغلىنىش، چاپلىشىش، توسۇلۇش قاتارلىقلار كۆرۈلسە تۇغماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. قوشۇمچە ئۇرۇقدان
قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە ئۇرۇقدانغا تۇتاشقان ھەمدە يېتىلگەن ئىسپېرمىنى ساقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇن كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ چىرىتىشى، ياللۇغلىنىش ياكى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرسا تۇغماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئۇرۇقدان
ئۇرۇقدان ئىسپېرما ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، ئۇرۇقداننىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ياكى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئىسپېرما بولماسلىق ياكى ئىسپېرما سۈپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
6. جىنسىي ھورمۇن
ئەگەر ئاتىلىق ھورمۇن قاتارلىق جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيەسى تەڭپۇڭسىزلاشسا، ئۇرۇق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئۇرۇق ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش
مەنىي سۈپەتسىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئىسپېرما ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىندا نورمال يېتىلەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. مەنىي چىقىرىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش
مەنىي چىقماسلىق، تەتۈر مەنىي چىقىرىش قاتارلىقلار ئەھۋالدا ئىسپېرما نورمال ھالدا ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا ئېتىلىپ چىقالماي، ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى
ئىسپېرمىدىكى ئانتىگېن ماددىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىلەن ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىسپېرمىغا قارشى ئانتىتېلا قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. ئىسپېرما سۈپىتى
ئىسپېرما ئازلىق كېسىلى، ئىسپېرما بولماسلىق كېسىلى، ئىسپېرما ئۆلۈش كېسىلى، ئىسپېرمىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ھەرىكەت ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئىسپېرما غەيرىيلىكى، ئىسپېرمىنىڭ سۇيۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار ئەرلەرنىڭ تۇغماسلىقىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭمۇ ئەڭ ياخشى تۇغۇت ۋاقتى بولىدۇ، تەتقىقاتچىلار يەنە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، 22-60 ياشقىچە بولغان 60 نەپەر پىدائىينىڭ ئىسپېرمىسىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان، بۇ ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېنى ساغلام، ئىسپېرمىسىدىكى ئىسپېرما سانى نورمال چىققان.
ئاخىردا چوڭ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مولېكۇلالىق لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپۈنچى ئەھۋالدا ئىسپېرمىسىدىكى DNAنىڭ قوش بۇرمىلىق بۇزۇلۇشىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، گېننىڭ بۇزۇلۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپېرمىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۆزىنى شاللاش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ كەمتۈك ئىسپېرمىنى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا چوڭ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىمۇ نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسپېرما سۈپىتى ناچارلاشقاندا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەرلەر ئۆزىنىڭ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.