
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەتتە ئەرلەردىكى تۇغماسلىق ئىسپېرما چىقىرىش نورمالسىز بولۇش، ئىسپېرما سانى بەك ئاز بولۇش، ئىسپېرما شەكلى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇش قاتارلىق كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. يېقىندا «ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ئەرلەرنىڭ خورەك تارتىشى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپ قىسىم كىشىلەر خورەك تارتىشنى ئۇيقۇنىڭ تاتلىق بولۇشىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خورەك تارتىش تاتلىق ئۇخلىغانلىق ئەمەس، بەلكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش (OSA) ئۇيقۇ مەزگىلىدە يۇقىرى قەپەس يولى، يەنى كېكىردەكنىڭ ئارقا قىسمى تەكرار ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى نەپەس يولى پۈتۈنلەي ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 10 سېكۇنتلۇق نەپەس توختاش ئادەتتە نەپەس ۋاقىتلىق توختاش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق ھالەت ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە كۈچلۈك خورەك تارتىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خورەك تارتىش ۋاقىتى ئۇزۇن، كۈچلۈك بولسا، تۇغماسلىق خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. خورەك تارتقاندا بەدەندىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەپ، ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىنى پەيدا قىلىپ، ئۇرۇقداننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
سېمىزلىك ئۇيقۇدىكى نەپەسنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلىك ئامىل.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەشمە كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىق خەۋپى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، قاندىكى ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، جىگەر قېتىش، سېمىزلىك كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسىلى ۋە خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بولۇپمۇ سېمىزلىك خەتىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك. بەدەن ساپاسى كۆرسەتكۈچى (BMI) قانچە چوڭ بولسا، يۇتقۇنچاق قىسمىدا ئاسانلا ياغ يىغىلىپ، يۇتقۇنچاق بوشلۇقىنىڭ تارىيىشى ۋە توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
سېمىزلىك ۋە مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى دەپ قارىلىدۇ. سېمىزلىك ئىچكى ئاجراتما ماددىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. سېمىزلىك جىنسىي بەزنىڭ يېتىلىشى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان ھىپوفىزنىڭ ئارقا ياپرىقىنىڭ ياغلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھىپوفىزنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەتتا ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، جىنسىي ھورمۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىدۇ. سېمىزلىك ۋە مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولغان كىشىلەر ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئېغىرلىقىنى كېمەيتكەندە، نەپەسنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشىنى ياخشىلاپ، يۇقىرىقى ھاۋا يولىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەسنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.