بالىلار ساغلاملىقى

سىنىك بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا زىيانلىق

نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىكنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنىنى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بۇنى بىلمەيدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار سىنىك بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش.
سىنك خاراكتېرنى قوزغاتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىلارغا قارىغۇلارچە سىنىك تولۇقلىغاندا، بالىلاردا جىنسىي يېتىلىش تېزلىشىپ، بويى پاكار بولۇپ قېلىش، پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سىنىك بالىلاردا ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلشىش، باش ئاغرىشتىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش، ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش،بەدەندىكى ئورگانىزملارنى تورمۇزلاپ، باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھازىر جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىپ قالغان بالىلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سىنىك تولۇقلاشتا، سىنىك تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى قارىغۇلارچە ئىستىمال قىلدۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سىنىك تولۇقلاشتا مىقدارىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى