
باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىدىغان ئەتىياز پەسىلدە، گۈل چېڭى ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپى رېئاكسىيە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى،بۇ يىل كۆپچىلىك ئىزچىل ماسكا تاقاپ يۈرگەچكە گۈل چېڭى بىلەن بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغان، شۇڭا رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆز قىچىشىشنى ئاساس قىلغان.
جۇڭگو ھاۋارايى تورى ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك گۈل چېڭى رېئاكسىيەسى ئاگاھلاندۇرۇش خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم ئۆلكە-شەھەر ۋە رايونلار، شۇنداقلا رايونىمىز شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا گۈل چېڭى قويۇقلۇقى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغان.
شىنجاڭ گۈل چېڭى قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان رايونلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈل چېڭىنىڭ قويۇقلۇقى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغان بولۇپ، ئەتىياز پەسلىدە گۈل چېڭى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىشنى، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ئۆيدە ئىشىك-دېرىزىلەرنى ياخشى تاقاپ زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىمىز.