بىلىۋىلىڭ

سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېرىگە تۇيۇقسىز سارغۇچ قوڭۇر داغ پەيدا بولۇش، تۇيۇقسىز سەمرىپ كېتىش، سەۋەبسىزلا ئاچچىقلىنىش …… بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنىڭ ئىپادىسى. كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى سىرلىق بىلىنىدۇ..

ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى چوڭ جەمەت بولۇپ، بىزگە تونۇشلۇق بولغان قالقانسىمان بەز، ئاشقازان ئاستى بېزى، جىنسىي بەز، قالقانسىمان يان بەز، بۆرەك ئۈستى بېزى، مېڭە ئاستى بېزى قاتارلىقلارنى ئ‍ۆز ئ‍ىچىگە ئ‍الىدۇ. بەز تەنچىسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىدا نورمالسىز كۆرۈلسە، ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆپ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئىچكى ئاجراتما بەز تەنچىسىنى سودىگەرلەرگە ئ‍وخشاتساق، ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن خېرىدارلار، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى سېتىۋالغان نەرسىلەردۇر.

040610030448400010953168

ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى ھەرخىل بولۇپ، تۆۋەندىكىسى ئ‍ەر-ئ‍اياللاردا ئوخشاش كۆرۈلىدىغان بەش چوڭ كېسەللىك ئالامىتى:

1. چاچ چۈشۈش: دائىم تۈنەش، يېمەك-ئىچمەك مايلىق بولۇش، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئامىللار ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، تۈك خالتىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئاياللارىكى تۇغۇتتىن كېيىن، كىلىماكتېرىيە دەۋرى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىش قاتارلىقلار ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چاچ شالاڭلىشىش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ھەمدە ماي ئ‍ارتىش خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر چاچ ئ‍ورنى كەينىگە سۈرۈلۈش، پېشانىسى روشەن تاقىر بولۇش، چوققا قىسمىدىكى چاچلار شالاڭ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

2. يۈزىگە دانىخورەك چىقىش: ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسى زىيادە يۇقىرى بولسا، ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ياكى دائىم تۈنىگەندە، يۈزىدە دانىخورەك پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى تېرە مېيىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، تۈك خالتىسىنى توسۇۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنە بەزى ئاياللارنىڭ تېرىسىدە تۇيۇقسىز نۇرغۇن داغ پەيدا بولۇش، چىرايى تاتىرىپ كېتىش ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

3. ئ‍ۇششاق چاچلار كۆپىيىپ كېتىش: بەدەندە ئەرلىك ھورمۇن ۋە ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى زىيادە كۆپ بولسىلا، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسىدە ئ‍ۇششاق چاچلار كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

040610020974800010953168

4. سېمىزلىك: بەزى كىشىلەر سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ كېتىدۇ، بۇ ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

040610062655300010953168

5. مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىش: مىجەزى تۇيۇقسىز ناھايىتى چۇسلىشىپ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ قاتتىق ئ‍اچچىقلىنىشنى بەلكىم ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى (بولۇپمۇ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى) كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

040610081790200010953168-1

6. دائىم چارچاش: دائىم سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھارغىنلىققا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، ئىشتىھاسى تۇراقسىز بولۇش، چوڭ تەرەت قىلىش نورمال بولماسلىق ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدۇر.

يەنە بەزى ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنىڭ ئىپادىسى جىنس پەرقىگە ئىگە. ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى جىنسىي ھەۋىسى چېكىنىش، جىنسىي پائالىيىتى ئازىيىش، تىكلىنىش قاتتىقلىقى تۆۋەنلەش بولۇپ، بۇ ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەردىكى قالقانسىمان بەز كۈچىيىش كېسىلىدە دائىم ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش، چىڭقىلىپ ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، بېسىم ئېشىپ كېتىش، قالقانسىمان بەز نورمالسىزلىنىش، تۇغماسلىق، كېچىدە ئوغرى تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى