ساغلاملىق بىلىملىرى

سىزدە مۇنداق ئاغرىق ئالامەتلىرى بولسا يۈگۈرۈپ بېرىڭ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۈگۈرۈشنىڭ پايدىسى بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئورۇقلاش، بەدەن شەكلىنى تۈزەش قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. يۈگۈرۈپ چېنىقىپ بەرگەندە يەنە بەدەندىكى مۇنداق كېسەللىك، ئاغرىق-سىلاق ئالامەتلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش
شىۋېتسىيە گولدبورگ داشۆسىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ يۈگۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. چۈنكى يۈگۈرۈش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىكەن. بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان بىمارلار ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 40 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ چېنىقسا ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدىكەن. يۈگۈرۈپ چېنىقسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.
ئامېرىكا نېرۋا ئىچكى بۆلۈم تەتقىقاتچىلىرىمۇ دورا يەپمۇ ساقايمىغان بۇنداق بىمارلارنىڭ يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە ئاستا يۈگۈرۈپ چېنىقشنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ساقايغانلىقىنى، دورا يېمىسىمۇ بولىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بايقىغان.

يۈگۈرۈش قۇلىقى ئېغىر كىشىلەرنىڭ نىجاتكارى
قۇلاق بىلەن پۇت قارىماققا پەقەتلا ئالاقىسى يوق ئەزالاردەك كۆرۈنىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىگىمۇ مۇھىم سىر يوشۇرۇنغان.
ئامېرىكا بىرامىن داشۆسىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئادەتتە يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېنىقمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئالتە پىرسەنت ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ئادەم يۈگۈرگەندە بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى ياخشىلىنىدىغان بولۇپ قۇلاق ئەتراپىنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ ئوزۇقلارنى ياخشى سۈمۈرەلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
يۈگۈرۈپ چېنىقىپ بەرگەندە راك كېسىلى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
راك كېسىلى نۆۋەتتە مېدىتسىنادىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىراق كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە يۈگۈرۈش راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەن. ھەرىكەت قىلىشنى، چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولى راكى ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا خېلىلا كىچىك بولىدىكەن. چۈنكى ئاستا يۈگۈرۈپ چېنىققاندا ئادەم ئادەتتىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ئوكسېگىن سۈمۈرىدىكەن. بۇ پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالارنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئۇزۇن مەزگىل چېنىقمىغاندا، ئوكسېگىن كەمچىل ئەھۋالدا راك ھۈجەيلىرى جانلىنىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يۈگۈرۈپ چېنىققاندا ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ماينىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ راكى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن.

يۈگۈرۈپ چېنىققاندا تېرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
يۈگۈرۈشكە قەھۋە قوشۇلسا تېرە راكى خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنى ئامېرىكا لوگېس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى ئاق چاشقانغا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.
تېرىنى سۈزۈلدۈرۈپ ئاقارتىش بولسا يۈگۈرۈشنىڭ قوشۇمچە رولى. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش خۇددى يۈزنى ھورداتقانغا ئوخشايدۇ، توختىماستىن چىققان تەر سۈيى تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېرىنى راۋۇرۇس تازىلايدۇ. قىممەت گىرىم بۇيۇملىرىغا قارىغاندا يۈگۈرۈشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى ھەم ياخشىدۇر.
يۈگۈرۈپ چېنىقىش ئارقىلىق تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن يۈگۈرۈشنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغانسىز! قەدەملىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ چېنىقىش سەپىرىڭىزنى باشلىسىڭىز باشقىچە يېپيىڭى ئۆزىڭىزنى بايقىيالايسىز!

يۈگۈرۈشنىڭ يەنە تىز كۆمۈرچىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار.
نۇرغۇن كىشىلەر يۈگۈرسە تىزى بالدۇر ئۇپراپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما شىۋېتسىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. تەتقىقاتچى خادىملار رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پىدائىيلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىنى يۈگۈرۈپ چېنىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. يەنە بىر گۇرۇپپىنى بولسا ھېچ ئىش قىلماسلىققا بۇيرۇغان. نەتىجىدە يۈگۈرۈپ چېنىققان كىشىلەرنىڭ بوغۇملىرىدا ياخشىلىنىش بولغانلىقى ئېنىقلانغان.
يۈگۈرۈپ چېنىقىش ئارقىلىق بوغۇملارغا تەسىر قىلىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يۈگۈرۈش تىز بوغۇمىغا زىيانلىق دېگەن قاراش بەلكىم يۈگۈرگەندىكى ھالىتى خاتا ياكى بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تاپقان پىتنە-ئىغۋالىرى بولسا كېرەك.
يۈگۈرۈپ چېنىقىش ئارقىلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
يۈگۈرۈشنى پەقەت بىر جىسمانىي ھەرىكەت دەپ ئويلىغان بولسىڭىز پۈتۈنلەي خاتالاشقان بولىسىز؛ يۈگۈرۈش ھەم بىر ئەقلىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. ئەنگىلىيە كامبىرىچ داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتى يۈگۈرۈش بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ بەرگەن. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەپتىدە بىر نەچچە كۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئاستا يۈگۈرۈپ چېنىققاندا، چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
نۇرغۇن كىشىلەر يۈگۈرۈپ چېنىقىشنى نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە ئەستە ساقلاش باغلىنىش رايونىدا يېڭى مېڭە ھۈجەيرىلىرى بايقالغان. بۇ ئېنىقلا ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.
نۇرغۇن ئالىملار ۋە ھەر ساھەدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى