بىلىۋىلىڭ

قانۇن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغدايدۇ

ئۈندىدار سالونى، خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:

-بىزنىڭ مەكتەپ يېقىندا سالامەتلىك تەكشۈرمەكچى، سۈرۈشتۈرۈپ باقسام بۇ قېتىم ئ‍ەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نى تەكشۈرىدىكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەكتەپ مېنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىمنى بىلىپ قالارمۇ؟

-دوختۇر، قىزىمنىڭ مەكتەپكە كىرىشىدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە ئ‍ەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرىدىكەن، قانداق قىلساق بولار؟ قىزىم تىزىملاتقان كەسىپنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئەگەر تەكشۈرۈپ چىقسا مەكتەپتىن چېكىندۈرۋېتەمۇ؟

-مېنىڭ پەقەت ئىچىم سۈرۈپ قېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەنتىم، قان تەكشۈرۈش قەغىزىگە قارىسام ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم، قانداق قىلىمەن؟ مەن تەكشۈرتسەم بولامدۇ؟ مۇسبەت چىقسا ئاشكارىلىنىپ كېتەمدۇ؟

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللار نۇرغۇن قېتىم سورالدى، يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ھەم بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

040711314549600010953168

ئەمەلىيەتتە كەڭ دائىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەزەلدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقىلار بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئ‍ۈچۈن ئ‍ەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ بالدۇر بىلدۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەگەشمە كېسەللىكلەر خەۋپىنى ئازايتىش، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پايدىلىق تەرەپلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ تەكشۈرۈشلەردىن نەپكە ئېرىشىپ، يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى ياخشى داۋالاشقا ئېرىشتى.

تەكشۈرۈش جەريانىدا دۆلىتىمىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى ئىنتايىن تەكىتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا ئەگەر يۇقىرىقى مىساللارغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقىلا توغرا كېلىدۇ:

1. ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇنتىزىم سالاھىيەتنى ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك.

ئ‍ادەتتە مەكتەپكە كىرگەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بارغانلارنىڭ ھەممىسى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلار بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار تەربىيەلەشلەرنى قوبۇل قىلغان. ئەگەر كۆپچىلىك خاتىرجەم بولالمىسا، ئوقۇتقۇچى ياكى يېتەكچىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتىنى ئالدىن ئىگىلىسە بولىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، HIV مۇسبەت چىققان تەقدىردىمۇ يۇقۇم ئەھۋالىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ۋە ئۇقتۇرۇش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ شەخسىيىتىنى قوغدايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك كېسەل بولۇپ قېلىپ دىياگنوز قويۇشقا ياكى داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، شۇ جايدىكى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاپ داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن تولدۇرغان ئۇچۇرلاردا خاتالىق كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى توپلايدۇ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەندە، ئۇچۇردا خاتالىق بارمۇ-يوق دەپ سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ يانفون نومۇرى توغرا بولۇشى، ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر مۇسبەت نەتىجە كۆرۈلسە، مەخسۇس خىزمەتچى خادىم ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇقتۇرىدۇ، شۇڭا تەكشۈرۈشتىن كېيىن، يانفوننىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تېلېفون قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

3. تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش.

دوختۇرخانا ياكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەمدە يۈز تۇرانە سۆزلىشىش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىپ قويۇشى مۇمكىن، بىز تەكشۈرۈش ۋاقتى ۋە ئاپپاراتىنىڭ ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك، ئەگەر خاتالىق يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرمەكچى بولساق، يۈز تۇرانە سۆزلەشكەندە، تېببىي خادىملارغا ئۆزىنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئ‍ىكەنلىكىنى ھەمدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرسەك، شۇنداقلا داۋالاش ئاپپاراتلىرىمىزنى تېببىي خادىملارغا بىۋاسىتە ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ماسلاشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرسەك بولىدۇ.

040711323015200010953168

ئاخىرىدا 2019 ـ يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دۆلەتنىڭ «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»دىكى شەخسىي سىرنى قوغداش ماددىلىرى كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىگە سۇنۇلدى:

39-ماددا: كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى ۋە چېگرا پرىيوم- كارانتىن ئاپپاراتى ئەيدىزنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخس ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئ‍ەزالىرىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، خىزمەت ئورنى، سۈرىتى، كېسەل تارىخى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كونكرېت سالاھىيىتىنى پەرەز قىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

56- ماددا: داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئ‍ەزالىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغانلارغا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

0408095437299000000000000153

ئەيدىز ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە بولغان چۈشەنچىسى بارغانسېرى ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ھەرىكىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى. يۇقۇملانغۇچىلار كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى «جەڭچى»، بىز بۇ كېسەلگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، داۋالاشنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، بۇ كېسەلنىڭ سالامەتلىكىمىزگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىپ، سۆز-ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بەدەن ۋە تۇرمۇشىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە قەيسەرلىكىمىزنى نامايەن قىلساق، كەمسىتىش ئ‍ۈستىدىن غالىب كېلىمىز، بىزنى سۆيىدىغان، بىزنى قوللايدىغان كىشىلەرنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمىز.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى