
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك قىلمىشلار كۆرۈلسە ياكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلسە، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سىناق قەغىزى ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، ئالدىن تاللاش قىلىشقا بولىدۇ.
شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تەكشۈرۈش سىناق قەغىزى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈشكە بولمىسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.
ئەگەر داۋاملىق قىزىش ئالامىتى، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش، ئۇدا ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئەسۋە چىقىش، بوغۇم ئاغرىش، ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلۆڭگەچ زەمبۇرۇغ كېسىلى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.