شىپالىق رېتسىپلار

نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ ماينى سېيرىپ ئورۇقلىتىش رولى بار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى ئاساسىي تەركىب قىلغان ئورۇقلىتىش، ماينى سېيرىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، نېلۇپەر يوپۇرمىقى راستتىنلا ماينى سېيرىپ ئورۇقلىتامدۇ؟ جۇڭگو تېبابىتىدە قەدىمدىن تارتىپ نېلۇپەر يوپۇرمىقى ئورۇقلىتىدىغان ياخشى دورا دەپ قارىلىپ كەلگەن، «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا خاتىرىلىنىشىچە، نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچسە، ئادەمنى ئورۇقلىتىپ، تەننى ياشارتىدۇ، تال ۋە ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ، دېيىلگەن.

نېلۇپەر يوپۇرمىقى دۆلىتىمىزدە ئىنتايىن كۆپ، ئۇ تەبىئىي دورا ۋە يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ساغلاملىق ئۆسۈملۈكى. نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق بولۇپ، جىگەر، تال، ئاشقازانغا پايدىلىق، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، چاچنى ئۆستۈرۈپ باھنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سوۋۇتۇپ قان توختىتىش ئۈنۈمى بار، ئىسسىق ئۆتۈپ سۇسىزلىنىش، ئىچ سۈرۈش، قان قۇسۇش، قاناش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ قانداق رولى بار؟

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىكى تەركىبلەر ماينى سېيرىش، ئورۇقلىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەن. كونكرېت چۈشەندۈرلۈشى تۆۋەندىكىچە:

ماينى سېيرىش رولى: نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ ماينى سېيرىش رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، داۋالاشتىن كېيىن قان زەردابىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن، ترى گلىتسېرىد، ياغ ئاقسىلى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ھەمدە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئورۇقلىتىش رولى: نېلۇپەر يوپۇرمىقى تەركىبىدە كۆپ خىل ئۈنۈملۈك ئالكالوئىد بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۈچەي دىۋارىدا بىر قەۋەت ماي ئايرىش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، ماينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسۇپ، يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى: نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، يۈز قىسمى ئىششىش ۋە كىچىك تەرەت مىقدارى ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى داۋالايدۇ.

نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

قۇرۇق نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى ھەر قېتىمدا 10 گىرام ئەتراپىدا سۇغا چىلاپ تەييارلاپ، چەينەككە ياكى چوڭراق ئىستاكانغا سېلىپ، قايناق سۇ قويۇپ 10 مىنۇت دۈملەپ ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر قەۋزىيەت بولسا، ئىشلىتىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك. تەكىيە كاۋىسىنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، كاۋىنىڭ پوستى، ئېتى، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن بىر تالنى پاكىز يۇيۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغراپ، قاينىغان سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

نېلۇپەر يوپۇرمىقى ئۇمىچى، يېڭى نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن بىر تالنى ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، نېلۇپەر يوپۇرمىقى سۈيىنى ئېلىپ، گۈرۈچتىن 100 گىرام ئەتراپىدا ئۇماچ قاينىتىمىز. ئۇماچ پىشاي دەپ قالغاندا، پاكىز يۇيۇلغان نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى ئۇماچقا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىپ، ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن بەش مىنۇت تۇرغۇزۇپ، نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى ئېلىۋېتىپ، ناۋات سېلىپ تەمىنى تەڭشىسەك بولىدۇ.

قايسى كىشىلەر نېلۇپەر يوپۇرمىقى دەملەپ ئىچسە بولمايدۇ؟

نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، شۇڭا ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ، تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر، تېنى ئاجىزلار ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك؛ ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؛ ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقانلار ۋە بالىلار ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. يەنە يېمەكلىك بىلەن داۋالاشنى دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر سىزدە ئېغىر دەرىجىدە قاندىكى ماي تەركىبى ئارتىپ كېتىش كېسىلى ياكى زىيادە سېمىزلىك بولسا، يەنىلا دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى