ئانا-بالا

بوۋاقلار ئۇخلىغاندا نېمىشقا دائىم «ئۇششاق ھەرىكەت» قىلىدۇ؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

041418015616300000031630

ئۇيقۇ بىزنىڭ زېھنىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇخلاش ئەھۋالى ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئانىلار بالىسىنىڭ ياخشى ئۇخلىيالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. بوۋاقلاردا ساقلىنىۋاتقان ئۇخلاش قىيىن بولۇش، تولۇق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرەلمەسلىك، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئەھۋاللار نۇرغۇن يېڭى ئانىلارنى قىيناۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بوۋاقلار ئۇخلىغاندا كۆز ئالمىسى ئايلىنىدىغان، چىراي ئىپادىسى ھەرخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئاندا ـ ساندا يىغلايدىغان ياكى كۈلىدىغان، بەزىدە پۇت-قوللىرىنى ھەرخىل ھەركەتلەندۈردىغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بالا ئۇخلىغاندا ئۆرۈلسە، بەلكىم بىر خىل قىياپەتتە ئۇخلاپ چارچاپ كەتكەن، ئىسسىپ كەتكەن ياكى چۈش كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. بالىلار ئۆرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ياخشى ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلىسا ياكى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، ھەرىكىتى نورمال، ئىشتىھاسى ياخشى بولسىلا زىيادە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى بىلەن چوڭلارنىڭ ئۇيقۇسى ئوخشىمايدۇ، ئانىلار بالىلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇخلاش ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق، قېنىپ ئۇخلىغان ئۇخلىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.

0415144410800000000000000109

بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغاندىكى «كىچىك ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتە نورمال ھادىسە.

ئادەتتە، بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ھەر كۈنىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىنى، ھەتتا ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى ۋاقىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كۆز ئالمىسى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇيقۇ ۋە كۆز ئالمىسى تىنچ ھالەتتىكى ئۇيقۇدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، كۆز ئالمىسى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇيقۇدا، ئادەمنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى سەگەك ۋاقتىدىكى تىنچ ھالەتكە يېقىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆز قارچۇقى، كۆز قاپىقى ئاستىدا تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كۆز ئالمىسى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇيقۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن پايدىلىق. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بوۋاقلار كۆز ئالمىسى ھەرىكەت ھالىتىدە ئۇخلىغاندا، يېتەرلىك ئىچكى غىدىقلىنىش بىلەن تەمىنلىنىپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

041418024030900000031630

شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتا، كۆز ئالمىسىنىڭ ئايلىنىشى، چىراي ئىپادىسىنىڭ غەلىتە بولۇشى، نەپەسنىڭ تەكشى بولماسلىقى، پۇت ـ قولنىڭ جىم تۇرماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالمىسى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇيقۇدا كۆرىلىدىغان نورمال ئەھۋال، شۇڭا ئانىلارنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ئەگەر بالا كۈندۈزى بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە ياكى زىيادە غىدىقلىنىشقا ئۇچرىسا، مەسىلەن: دائىم يۇقىرى ئاۋازلىق مۇھىتتا تۇرسا، ئۇ قورقىدىغان ئادەم ياكى جىسىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا، بوۋاقلاردا كېچىسى يىغلاش، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئانىنىڭ تۇراقلىق كەيپىياتى، مۇلايىم ئاۋازى ۋە كۆيۈنۈشى بالىنى خاتىرجەم قىلىدۇ ۋە ناھايتى تېزلا ئۇيقۇ ھالىتىگە قايتا كىرەلەيدۇ.

041418050467700000031630

بوۋاقلارنىڭ ئويغاق ھالەتتىكى بەزى ئىپادىسى ئۇنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

ئانا بالىنىڭ ئويغانغاندىن كېيىنكى ئىپادىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ روھى كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى، كەيپىياتى خۇشال، مۇقىم، ئىشتىھاسى نورمال، تېتىك بولسا، بالىنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ ساغلام، يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇخلاش ۋاقتى بالىنىڭ ئۇخلاش ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ ئەمەس، بەزى بالىلار ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلىسىمۇ لېكىن ئويغانغاندىن كېيىن كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ، دائىم يىغلايدۇ، يېمەك ـ ئىچمىكىمۇ ياخشى بولمايدۇ، ئويناشنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ئانىلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە بەلگىلىك تەدبىر قوللىنىپ بالىنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىغان بالىلاردا ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تىت ـ تىت بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ ئۇخلاش مۇھىتىغا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، ياتقان جايى، ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتى، بىئارام بولدىمۇ ـ يوق ياكى بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىش ئالامەتلىرى بارمۇ ـ يوق دېگەندەك نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ياخشى بولماسلىقى بالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا، ئانىلارغا بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغان چاغدىكى «كىچىك ھەرىكىتى»دىن زىيادە ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىك تەكلىپىنى بېرىمىز.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى