ساغلاملىق بىلىملىرى

بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بەرسە قەۋزىيەتكە پايدىلىق

قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا قايسى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؟

041421400678000003877527

1. قېتىق

قېتىق تەركىبىدە كۆپ خىل پايدىلىق باكتېرىيىلەر بار بولۇپ، قېتىقنى ئىچكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەر ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىغا كىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتىنى پەسەيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېتىق يەنە ئاشقازاندىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش رولىنى ئويناپ، سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ياخشى.

041421421954600003877527

2. كۆممىقوناق

نۇرغۇن كىشىلەر كۆممىقوناقنى كىچىك ھەم قاتتىق، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي يولىغا نىسبەتەن ياخشى ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراشتا خاتالىق بار. كۆممىقوناق تەركىبىدە سېللۇلوزا (纤维素) مول بولۇپ، كىشىلەر كۆممىقوناقنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى سېللۇلوزا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

041421444842800003877527

3. بانان

باناننىڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى باناننىڭ تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە مېۋە شېكىرى تۈرىدىكى ماددىلارمۇ بار، باناننى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۇ ماددىلار ئاشقازان، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ. لېكىن بانان تاللىغاندا، پىشقان باناننى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر چالا پىشقان بانان بولسا، قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

041421480474600003877527

4. تاتلىق ياڭيۇ

تاتلىق ياڭيۇ يۇمشاق، تەمى تاتلىق، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە كىشىگە بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. تاتلىق ياڭيۇ قارىماققا چىڭ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەززىلىك تاتلىق ياڭيۇنىڭمۇ قەۋزىيەتنى پەسەيتىش رولى بار. چۈنكى تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە مول مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار ئۈچەي يولىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە لۆمۈلدەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاشقازان يارىسى بار كىشىلەر تاتلىق ياڭيۇنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلمىسا، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قەۋزىيەت ئېغىر كېسەللىك ئەمەس، ھاياتقىمۇ خەۋپ يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت قەۋزىيەت ھالىتىدە تۇرغاندا، ئاسانلا بىر قىسىم يۈرەك، مېڭە قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئەگەر قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، يۇقىرىقى تۆت خىل يېمەكلىكنى دائىم يەپ بەرسە بولىدۇ، ئەگەر يەنىلا ياخشىلانمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى