ساغلاملىق بىلىملىرى

كۆپ سۇ ئىچىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

 

041422531878800003877527

1. ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش

سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە يىغىلىپ قېلىپ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2. بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش

تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، تاماقتىن بۇرۇن ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچكەن ئادەم، ئۈچ ئاي ئىچىدە تاماقتىن بۇرۇن سۇ ئىچمىگەن كىشىلەردىن بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرام تۆۋەن بولغان، ھەمدە بىر يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قالالايدىكەن.

ئەگەر سىز دىققەتسىزلىكتىن تاماقنى كۆپ يەۋالسىڭىز، تاماقتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەن بولسىڭىز، تاماقنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئىشتىھانى كونترول قىلىپ، ئىسسىقلىقنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

041422582713300003877527

3. تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش

دائىم سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ تېرە ھالىتى كۆپ ھاللاردا سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، قارىماققا تېخىمۇ سۈزۈك ھەم ئېلاستىكلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە، سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، يۈزىدە ئاسانلا داغ پەيدا بولىدۇ.

4. ئادەت ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىش

نۇرغۇن ئاياللاردا فىزىيولوگىيەلىك مەزگىلدە ئاسانلا ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدۇر. بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچىش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى بىئاراملىقنى پەسەيتىشكە بولىدۇ.

5. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش

ئادەم زۇكام بولۇپ قالغاندا، بەدەندىكى ھەر خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى سىرتتىن كەلگەن زىيانلىق باكتېرىيەلەرگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇپ، كۆپ قىسىم زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە، بىر قىسىم زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزلىتىپ، كېسەلنى ساقايتىشقا پايدىسى بولىدۇ.

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى