بىلىۋىلىڭ

ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

042122274760400016973082

2017- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ %90نىڭ ئۆيىدە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. لېكىن ئۆيدە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بار، ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ھەم قان بېسىمىنى ئۆلچەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى بىلىدىغان بىمارلار ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنداقتا ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. تاللاپ سېتىۋېلىشتا «بەلگە»گە قاراش كېرەك.

بۇ «بەلگە» ئۆلچەم ۋە بەلگىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى خالىغانچە سېتىۋالسىلا بولمايدۇ، يەنى خەلقئارا ئۆلچەم ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتكەن ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئادەتتە ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ ئورالمىسىدا ئېنىق بەلگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە دەلىللەنگەن ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ ماركىسى ۋە تىپى ئاللىقاچان ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۆپچىلىك تورغا چىقىپ پايدىلانسا بولىدۇ.

2. ئالدى بىلەن« يۇقىرى بىلەكلىك شەكلى»نى تاللاش

ھازىر بازاردىكى ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە بىلەك شەكىللىك، بېغىش شەكىللىك، بارماق شەكىللىك قاتارلىقلار بار، لېكىن بېغىش شەكىللىك ۋە بارماق شەكىللىك ئۆلچەشنىڭ سانلىق قىممىتى توغرا ئەمەس. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەلىللەنگەن يەلكىلىك ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بىلەن سۇپىلىق سىمابلىق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى پەرقلەنمەيدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كۆرسەتكۈچىسى يەنە بىلەك شەكىللىك ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، ھازىر نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە ياكى جىددىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان قان بېسىم ئۆلچىگۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە يەلكىلىك ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە يەڭ تاسمىسىنى سۈنئىي باغلاشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، ئۆلچەشتىكى خاتالىق پەرقى تېخىمۇ ئازىيىدۇ. شارائىتى بار ئائىلىلەرنىڭمۇ تاللاپ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

3. مۇۋاپىق يەڭلىك بەلباغنى تاللاش كېرەك.

كۆپ ساندىكى ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ يەڭ تاسمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 35cm، كەڭلىكى بىر مېتىر 13-12 سانتىمېتىر بولىدۇ. بۇ ئۆلچەم بىلىكى 25-35 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن سېمىز ياكى بىلەك ئايلانمىسى چوڭراق كىشىلەرگە تېخىمۇ چوڭ ئۆلچەمدىكى يەڭ لېنتىسى ئىشلىتىش، بالىلارغا تېخىمۇ كىچىك ئۆلچەمدىكى يەڭ لېنتىسى ئىشلىتىش كېرەك.

4. ئۆلچەشتە كاشىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش

يەڭ تاسمىسىنىڭ بەك چىڭ بولۇشى ياكى ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقى، بەدەننىڭ ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار خاتا ئۆلچەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەتراپتىكى ئېلېكتىر مەيدانى بار جايلاردا ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا ئۆلچەشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ ئۈستىلىنى پۇلاڭلاتماسلىق كېرەك؛ توك مەنبەسىنىڭ توك مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، چۈنكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ ئۆلچەشنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

042122274172300016973082

ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر توپى قايسىلار؟

1. زىيادە سېمىزلەر

2. يۈرەك رىتىمى نورمال بولمىغان بىمارلار

3. تومۇر سوقۇشى ئىنتايىن ئاجىز، ئېغىر قەپەس قىيىنلاشقان ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بىمارلار

4. يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 40 قېتىمدىن تۆۋەن ۋە مىنۇتىغا 240 قېتىمدىن يۇقىرى بولغان بىمارلار

5. پاركىنسون (帕金森) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلا

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى