
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گەرچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى %11.6كە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى بارلار %90نى ئىگىلەيدىكەن.
دىيابېت كېسىلى كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىك، شۇنداقلا نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئىچىدە كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى، بولۇپمۇ جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە 2-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىدا جىگەرنى ماي قاپلاش نىسبىتى %46كە يەتكەن بولۇپ، ھەر بىر دىيابېت بىمارىدا جىگەرنى ماي قاپلاش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. دىيابېتقا جىگەرنى ماي قاپلاش قوشۇلۇپ كېلىپ، بەدەندىكى ئىنسۇلىن بىلەن قارشىلىشىپ، گىلۇكوزىنىڭ بەدەندىكى پايدىلىنىش ئۈنۈمى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ياغنى تولۇق پارچىلىيالماي، جىگەردە زىيادە كۆپ يىغىلىپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دىيابېت بىمارلىرى چوقۇم جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش، جىگەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياخشى تەڭشەش كېرەك.
ئەگەر دىيابېت بىمارلىرىغا جىگەرنى ماي قاپلاش قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، كۈندىلىك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى چەكلەش، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەڭشەش، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېستېرىن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش كېرەك؛ يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق جىگەرنى ماي قاپلاشنى ياخشىلاش كېرەك.
ياغنىڭ جىگەردە يىغىلىپ قېلىش مىقدارىنى كونترول قىلىپ، دىيابېت كېسىلىدىن بولغان جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئەڭ مۇھىمى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش كېرەك.