ساغلاملىق بىلىملىرى

ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەندە لوڭقا قويسا پايدىسى بارمۇ؟

 

1. لوڭقا قويغاندىن كېيىن بەدەن يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە قايتا قوزغىلىدۇ؛

2. لوڭقا قويغاندا بەل ئاغرىش، مۈرە ئاغرىش، بويۇن ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؛

3. لوڭقا قويۇش پەقەت بەدەن سىرتىدىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ، تال ۋە ئاشقازاننى تەڭشىگىلى بولمايدۇ؛

042323030155000016061200

لوڭقا قويۇش ھەقىقەتەن ياخشىمۇ؟

پېشقەدەم جۇڭيى دوختۇرىنىڭ دېيىشىچە، لوڭقا قويۇش پەقەت بەدەن سىرتىدىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ، شۇڭا ئىچكى جەھەتتىكى ھۆللۈكى ئېغىر كىشىلەر لوڭقا قويۇش ئارقىلىق ھۆللۈكنى ھەيدىسە ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئەكسىچە كېسەللىك ئەھۋالى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

042323034749300016061200

ھۆللۈك ئېغىر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى:

1. يۈزىگە دانىخورەك چىقىش: دانىخورەكنى سىقماسلىق؛

2. چىرايى سارغىيىش: ھەر خىل تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك؛

3. تال ۋە ئاشقازان ياخشى بولماسلىق: خالىغانچە دورا ئىشلەتمەسلىك؛

4. چاچ مايلىق بولۇش: چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك؛

5. قورساق سەمىرىش: ماينى سېرىپ ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى قالايمىقان يېمەسلىك؛

6. تىل گېزى باشقىچە بولۇش: قالايمىقان دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك؛

بەدەننىڭ ھۆللۈكى زىيادە ئېشىپ كەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ دورا بىلەن داۋالىنىش كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتىدە ھۆللۈكنى تەڭشەش ئۇسۇلى: ئۈجمە يوپۇرمىقى، چوڭ دولانا ۋە تەسۋى قوناق مېغىزى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، دەملەپ ئىچسە ھۆللۈك ئېشىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى