يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەشنى داۋالاش

 

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەشنى داۋالاشتا چوقۇم كېسەلگە قاراپ داۋالاش كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلەپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، بىز ئالدى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك.

042322272493700016061200

1. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىھەسى ئەھۋالى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىگەنلىكى ياكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقى، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بىر تەرەپ قىلىش.

2. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

3. يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەش دورىسى ئىشلىتىش كېرەكمۇ يوق.

4. يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆزىدە باشقا ئاساسىي كېسەللىك بار-يوقلۇقى، كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىش.

042322262353700016061200

5. يۇقۇملانغۇچىنىڭ پىسخىكىلىق روھىي ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا بولغان تونۇشى ۋە ھەرىكىتى.

6. يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلەش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، بىز پەقەت بەدەن ئېغىرلىقىمىزنىڭ يېنىكلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئاندىن قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بىر تەرەپ قىلساق ۋە ئۆزگەرتسەكلا بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى