ئاياللار كېسەللىكى

ئاق خۇن بىنورمال بولۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئىپادىسى

 

ئاق خۇن بىنورمال بولۇشنىڭ ئالتە خىل ئىپادىسى:

1. يىرىڭلىق ئاق خۇن سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولۇپ، قارىماققا قويۇق ماڭقىغا ئوخشايدۇ، بەزىدە سېسىق پۇراق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، تامچە قۇرت خاراكتېرلىك بولىدۇ.

2. سۇغا ئوخشاش ئاق خۇن، قارىماققا ناھايىتى نورمال كۆرۈنىدۇ، ئەمما مىقدارى ناھايىتى كۆپ، بەزىدە خۇددى ئىشتىنىغا سىيىپ قويغاندەك ھېس قىلىدۇ.

3. قان مەنبەلىك ئاق خۇن، ھەيز كەلمىگەن مەزگىلدە قاناش، بەدەندە ئازدۇر – كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

042323243797500016061200

4. دۇفۇ تىرىپى پىشلاققا ئوخشاش، كاللەكلىشىپ قالغان ئاق خۇن، قىچىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن، بۇنى ئاساسەن زەمبۇرۇغلۇق دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

5. سېرىق سۇغا ئوخشاش، سېسىق پۇراق، ھەتتا توقۇلمىسىمان ماددىلار قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن، بالىياتقۇ بوينىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

6. ئاقۇش كۈلرەڭ، قارىماققا بىر ئاز مەينەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېلىقنىڭ سېسىق ھىدى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، يەنە بەزى كىچىك گاز كۆپۈكچىلىرىنى بەزى گاز ھاسىل قىلىدىغان باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللار يۇقىرىقىدەك بىنورماللىقنى بايقىغاندا، كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشى، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى