
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بوران، چاڭ ـ توزانلىق ھاۋارايى، بىردەم ئىسسىق، بىردەم سوغۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتىياز پەسلىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىرىشچان ھاۋارايى تېرىمىزغا نىسبەتەن چوڭ سىناق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش بولسا ئەتىيازلىق تېرە ئاسراشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئەلۋەتتە بەزىلەر: «بۇنچىلىك ئاپتاپتا ھېچقىسى يوق» دەپ سەل قارىشى مۇمكىن، بىراق بۇنداق دېيىش چوڭ خاتالىق! پەقەت پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدىلا كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش كېرەك ئەمەس، ئەتىياز پەسلىدە كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇنداقتا ئەتىيازدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟
1. ئەتىيازدا بوران كۈچلۈك، چاڭ ـ توزان كۆپ بولغاچقا، تېرە ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ سۇ كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا مۆتىدىل ھالەتتە تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ۋە تېرىگە سۇ تۇلۇقلاش تېرە ئاسراشنىڭ مەڭگۈلۈك بىرىنچى مىزانى.
2. مەيلى ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولسۇن، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈش كېرەك، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى تاللىغاندا سۈپەتلىكلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
3. سىرتقا چىققاندا كۈن نۇرىنى توسۇش شەپكىسى كىيىش ياكى ئاپتاپ ساقلىنىش كۈنلۈكى ئىشلىتىش.
4. كۈن نۇرىغا قاقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، كېيىنكى قەدەمدىكى تېرە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئەتىياز پەسلىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر تېرىنى ئاسرىماي مەيلىگە قويۇپ بەرسەك، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كېتىش، داغ چۈشۈش، تېرە قېرىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا پۇشايمان قىلساق كېچىككەن بولىمىز.