
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. بۇرۇن ياللۇغى دېگەن نېمە؟
بۇرۇن ياللۇغى بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە كۆرۈلگەن ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇرۇن بوشلۇقى بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئارقىلىق ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە ئايرىلىدۇ، ھەر بىر تەرەپتىكى بۇرۇن بوشلۇقى بۇرۇن دالىنى (بۇرۇن قانىتى ۋە بۇرۇن ئۇچىنىڭ ئىچى) ۋە بۇرۇن بوشلۇقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇرۇن بوشلۇقى ئىچىدە شىللىق پەردە بار، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى نەپەسلىنىش ۋە پۇراش سېزىمىدىن ئىبارەت.
بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك قوزغىلىش سۈرئىتىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
(1) جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى
بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلىگەندە، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى سىرتتىن كەلگەن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پەيدا بولغان ياللۇغ، يەنى كىشىلەر دائىم دەيدىغان «زۇكام»نى كۆرسىتىدۇ.
(2) سوزۇلما بۇرۇن ياللۇغى
بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ياكى شىللىق پەردە ئاستىدىكى ياللۇغلىنىش نەچچە ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشسا ياكى تەكرار قوزغالسا، نورمال ئەسلىگە كېلەلمەي، سوزۇلما بۇرۇن ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
(1) يۇقۇملۇق بۇرۇن ياللۇغى: ۋىرۇس، باكتېرىيە ياكى زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇرۇن بوشلۇقى يۇقۇملىنىش.
(2) يۇقۇمسىز بۇرۇن ياللۇغى: بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پەيدا قىلغان بۇرۇن ياللۇغى، يەنى زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدىغان ماددىلار سۈمۈرۈشتىن پەيدا بولىدىغان بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىش.
بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى: بۇرۇن پۈتۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش، باش ئاغرىش، باش قېيىش. بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش ئاساسلىقى بۇرۇن ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى دېگەن نېمە؟
بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بۇرۇن كاۋىكىدا يۈز بېرىدۇ، بۇرۇن بوشلۇقى ئەتراپىدىكى باش سۆڭىكىدە ھاۋا بار بوشلۇق بار بولۇپ، ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە سىممېتىرىك ھالەتتە تىزىلغان بولىدۇ.
بۇرۇن كاۋىكى يۇقىرىقى جاغ كاۋىكى، پېشانە كاۋىكى، غەلۋىر كاۋىكى ۋە كېپىنەك كاۋىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەربىر بۇرۇن كاۋىكىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىغا قاراپ ئېچىلغان تۆشۈك بار بولۇپ، بۇ تۆشۈك ئارقىلىق بۇرۇن كاۋىكى ئىچىدىكى ئىچكى ئاجراتما سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇرۇن كاۋىكى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى گازلارنى ئالماشتۇرۇپ، ھاۋا بېسىمى ۋە نەملىكنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى: بۇرۇنى پۈتۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ھەمدە باش، يۈز قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىشتىن ئىبارەت. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى داۋالاشتىمۇ كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
3. بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىغا ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ؟
بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قىسمىدا يۈز بېرىدىغان راك كېسىلى. بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنىڭ يۈز بېرىشى ئاساسلىقى ئەپستېين-بارر ۋىرۇسى (Epstein Barr, ئىنسانلار قوقاق ۋىرۇسى)دىن يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەپستېين ۋىرۇسى بىر خىل ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىرۇس، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بالىلىق مەزگىلىدە يۇقۇملانغان بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەپستېيىن ۋىرۇسى ئاساسلىقى شۆلگەي، قان سېلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يۇقىدۇ.
ئەپستېين ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەپستېين ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە يوشۇرۇن، جانسىز ھالەتتە تۇرىدۇ. بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، بەدەندىكى ئەپستېين ۋىرۇسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى قوزغىلىدۇ، ئارقىدىنلا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ھەمدە يۇقۇمچانلىق خۇسۇسىيىتى ئەسلىگە كېلىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ بىر قىسمى ئەپستېين ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەپستېيىن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان بىمارلارنىڭ بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى بار. ئەگەر بۇرۇن ياللۇغى بىلەن بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولسا، سوزۇلۇپ ساقايمىسا، راكقا ئۆزگىرىش خەتىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بايقالغان ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، مۇناسىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.