ساغلاملىق بىلىملىرى

قان ئاجىزلىق، قان ئۇيۇش، قان سوۋۇش، قان قىزىش نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

 

0425210942162000000000000153-1

1. قان ئاجىزلىق دېگەن نېمە؟
قان ئ‍اجىزلىق قان زەئىپلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. قان ئاجىزلاشقاندا چىرايى تاتىرىپ سارغىيىش، كالپۇكى ۋە تىلى، تىرنىقىنىڭ رەڭگى سۇسلاش، باش قېيىپ كۆز تورلىشىش، ئېغىر بولغاندا باش قېيىش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، ھەتتا كېچە قارىغۇسى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاياللاردا ھەيز مىقدارى ئاز، رەڭگى سۇس، ھەتتا ھەيز توختاش كۆرۈلىدۇ. بەزى بىمارلاردا قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ.

قان زەئىپلىشىشنىڭ سەۋەبى: كۆپىنچە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشىمەسلىك، زىيادە چارچاش، بىئارام بولۇش، قان كۆپ چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت كېسەل بولۇش ۋە بەدىنى زىيادە ئاجىزلاپ كېتىشمۇ قان زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان زەئىپلىشىشنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش، قان تولۇقلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك.

0425211001152000000000000153-1

2. قان ئۇيۇش دېگەن نېمە؟

قان ئ‍ۇيۇش قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستا ۋە راۋان بولماسلىقتەك بىر خىل پاتولوگىيەلىك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ، قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا قان ئ‍ۇيۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان ئۇيۇشنىڭ ئالامەتلىرى: قان ئۇيۇپ قالغانلاردا دائىم چىرايى تاتىرىپ، كالپۇكىنىڭ رەڭگى كۆكىرىپ، بەدىنىنىڭ قىسمەن جايلىرى ئاغرىيدۇ. ئېغىر بولغاندا ئاغرىق پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولۇپ كېتىدۇ ھەمدە كېچىدە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

قان ئ‍ۇيۇشنىڭ سەۋەبى: قان ئۇيۇپ قېلىش قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە قان يىغىلىپ قالىدۇ ياكى قان تومۇردىن تېشىپ چىقىپ قان ئۇيۇپ قالىدۇ.

قان ئۇيۇپ قېلىشنى يېمەكلىك ئ‍ارقىلىق تەڭشەش: قاننى جانلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى يېيىش، تۇز ۋە تېتىتقۇنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

0425211016787000000000000153-1

3. قان سوۋۇپ كېتىش دېگەن نېمە؟
سوغۇق قانغا كىرىپ، سوغۇق يەل تۇرۇپ قېلىشتىن، قان راۋان ماڭالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
قان سوۋۇپ كېتىشنىڭ ئالامەتلىرى: قان سوۋۇغانلارنىڭ كۆپىنچە سوغۇقتىن قورقۇش، پۇت-قولى مۇزلاش، تېرىسى كۆكىرىپ كېتىش، بەزىدە قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئەگەر ئىسسىق ئ‍ۆتكۈزسە ئاغرىق يېنىكلەيدۇ. ئاياللاردا ھەيز كېچىكىپ كېلىش، ھەيز رەڭگى سۇسلىشىش، قان لەختىلىرى قوشۇلۇپ كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

قان سوۋۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبى: سوغۇق خىلىتلار، قان ۋە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، قان زەئىپلىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىش ياكى ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ھەددىدىن زىيادە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

0425211038846000000000000153-1

4. قان قىزىش دېگەن نېمە؟
سىرتتىن ئىسسىق ئۆتۈپ قانغا كىرىپ، قان ھەرىكىتىنىڭ تېزلىشىشىدىن پەيدا بولغان نورمالسىز ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
قان قىزىشنىڭ ئالامەتلىرى: كۆپىنچىسىنىڭ تېرىسى قىزىرىپ ئاسان ماي چىقىپ، دانىخورەك چىقىپ كېتىدۇ. ئىچى تىتىلداپ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىز، پۇت-قولى ناھايىتى ئىسسىق بولىدۇ. ئاسانلا قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بۇرۇن قاناش، چىش مىلىكى قاناش، قان سىيىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلار. بەزى بىمارلار جاھىل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

قان قىزىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى: تال ۋە ئاشقازاننىڭ زەخىملىنىشى قان قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان قىزىشنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش: سوغۇق، نەمخۇش يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك، قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى