ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك

 

ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار يېمەك ـ ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ئادەتتە يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.

042323541198300016061200

1. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى

بەزى ئاياللار دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يېيىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن قىسقۇچپاقا، چوڭ راك قاتارلىقلار، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار بەك كۆپ يېسە بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كېتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

042323551844000016061200

2. خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر

ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار چوقۇم بەك سوغۇق ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنى يېمەسلىكى، بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىنى سوغۇق قاپلاپ، بالىياتقۇنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەھۋال بالىياتقۇ شىللىق پەردىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە قايتا ھاسىل بولۇشىغا ئىنتايىن پايدىسىز، شۇنداقلا ئاسانلا قان ئۇيۇپ قېلىپ، بالىياتقۇغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

شۇڭا ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى بەش كۈنىدە مۆتىدىل تەبىئەتلىك مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى پەسەيتىشكىمۇ پايدىلىق.

042323554044100016061200

3. قوي گۆشى

ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار قوي گۆشىنى زىيادە كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ياللۇغنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.

042323561465100016061200

4. تاتلىق، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر

نۇرغۇن ئاياللار ئاچچىق ـ چۈچۈك، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بەزى ئاياللار تاتلىق ـ تۇرۇم يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، تورت، قەنت ـ گېزەك قاتارلىقلار، ئەگەر ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېسە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى، سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

042323595448900016061200

ئاياللار تەن ساغلاملىقىنى ئاسراپ بۇ ئىككى ئىشنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ.

1. قايناقسۇ ئىچىش

سۇ ئىچىشنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ قايناق سۇ ئىچىش.

سوغۇق سۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى باكتېرىيەلەر ئازىيىدۇ ھەمدە قايناق سۇ ئاشقازاننى ئىللىتىپ، ئاشقازاننى ئاسراش، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، سالامەتلىككە زور پايدىسى بار. تېنى ئاجىزراق ئاياللار ئادەتتە قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچسە بولىدۇ.

042400065519400016061200

2. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش

تەڭپۇڭ غىزالىنىش تەن ساغلاملىقنىڭ ئاساسى، ئاياللار ئادەتتە تەكشى غىزالىنىشى، پەقەت يېمەك ـ ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن بەدەنگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، يەنە قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرغاندىلا، ئاندىن بەدەندە كۆرۈلگەن نۇقسانلارنى ۋاقتىدا ئىگىلىگىلى، مەسىلە بايقالغاندا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرغاندىلا، ئاندىن بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى