
قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. ئاڭلاش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى:
( 1 ) سىرتقى قۇلاق، قۇلاق يولى كەپلىشىپ قېلىش، ئىششىق ياكى يات نەرسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇلاق غوڭۇلداش.
( 2 ) ئوتتۇرا قۇلاقتا ھەر خىل ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، قۇلاق قېتىشىش كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇلاق غوڭۇلداش.
( 3 ) ئىچكى قۇلاق مېنىئېر كېسىلى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن گاسلىق، تاشقى زەخىم، شاۋقۇنلۇق گاسلىق، قېرىلىق مەنبەلىك گاسلىق قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇلاق غوڭۇلداش.
2. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
(1) يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىش، ئارتېرىيە قېتىش، تۆۋەن قان بېسىم قاتارلىقلار.
(2) نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، روھىي جىددىيلىك، خامۇشلۇق قاتارلىقلار.
(3) ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى بىنورمال بولۇش، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلار.