ئەرلەر كېسەللىكى

مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ تەس بولۇش سەۋەبلىرى

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

042618311569100016438438

مەزى بېزى ياللۇغى ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەر ئاسانلا مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. كىلىنىكا نۇقتىسدىن قارىغاندا مەيلى قايسى خىلدىكى مەزى بېزى ياللۇغى بولسۇن ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارنىڭ يۈكىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، كېسەلنى داۋالاش بارغانسېرى تەسلىشىدۇ، شۇڭا مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ئادەتتە ياخشى بولمايدۇ، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن كېسەل ئېغىرلىشىدۇ ياكى سىجىل تەرەققىي قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەرلەردىكى مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاش تەس؟

042618313238200016438438

1. تىپى ئوخشىمايدۇ.

مەزى بېزى ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاستا خاراكتېرلىك باكتېرىيەسىز مەزى بېزى ياللۇغى ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان مەزى بېزى ياللۇغىمۇ مەۋجۇت.

لېكىن مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولسۇن، مەزى بېزىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك تۈرىنى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، بۇ دەسلەپكى داۋالاش باسقۇچىدا كېسەللىكنى كونترول قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، بىماردا داۋالىنىش ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن.

042618314580100016438438

2. يوشۇرۇن كېسەللىك ئەھۋالى

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر يوشۇرۇن بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم بىماردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالاشنى كۈچەيتىش ناھايىتى تەس. مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بايقالغان ۋاقىتتا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى مەسىلىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، شۇڭا كېسەلنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمايدۇ.

042618315229700016438438

3. داۋالاش ئېڭى سۇس بولۇش

نۆۋەتتە نۇرغۇن بىمارلار يەنىلا مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ زىيىنىنى چۈشەنمەيدۇ، پەقەت ئۇنى ئادەتتىكى ياللۇغ كېسىلى دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن باشقا ياللۇغ خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش مېخانىزىمى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن زىيىنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار بارا ـ بارا مەزى بېزى ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ ھەمدە ئۈزۈل ـ كېسىل ساقايتقىلى بولمىغاچقا، كۆپ خىل مەزى بېزى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، تەرەققىي قىلىپ كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە بىمارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

042618320154000016438438

4. ئاسان گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش

ئەگەر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بولسا، ئاسانلا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈنۈملۈك ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا كېسەللىك بايقالغاندا يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ. كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېڭى تۇرمۇشتا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىققاندىن كېيىن، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارنى داۋالاش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ، قايتا يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە داۋالاش جەريانىدىمۇ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

042618321336700016438438

ئەرلەردىكى مەزى بېزى ياللۇغى نوقۇل ياللۇغلىنىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكىم كۆپ خىل ئىقتىدار توسالغۇسى مەۋجۇت بولۇشى ياكى توقۇلمىلاردا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا ئەرلەردىكى مەزى بېزى ياللۇغى باشقا كېسەللىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تاللىغاندىلا ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا قارىتا، ئەرلەرمۇ تۇرمۇشتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مەزى بېزى ئېغىر ياللۇغلانغان چاغدا تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش، زىيادە ئىسسىق ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، چارچىماسلىق، باشقا قوزغاتقۇچى تۈردىكى ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . ئىلمىي ھالدا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بارغاندا كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ساقىيىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى