
دوۋساق راكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ياش جەھەتتە كونكرېت قانۇنىيەت يوق، ھەرقانداق ياش باسقۇچىدا پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقان ياشانغان ئەرلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن 3-4 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
سۈيدۈكتە قان بولۇش ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، لېكىن بىمار ئاغرىقنى ھېس قىلالمايدۇ، بەزىلىرىدە بىۋاسىتە كۆز بىلەن قاننى كۆرەلەيمىز، بەزىلىرىنى كەسپىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كۆرەلەيمىز، ئەمما كۆپ قىسىم بىمارلاردا قان كىچىك تەرەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ كىچىك تەرەت قىلىپ بولغۇچە چىقىدۇ.
ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش ۋە سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش ئالامىتى بولۇپ، بىماردا ئەسلى ئورۇندىكى راكنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، ئۇنداقتا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن يەنە پۇت ئىششىش، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، سۆڭەك ئاغرىش ۋە قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار.