
ئادەم بەدىنىنىڭ قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بوشلۇقى بىر قەدەر تار، ئۆز توقۇلمىلىرى ئىششىپ ياكى يات نەرسىلەر كىرىپ كەتسە ئاسانلا توسۇلۇپ قېلىپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال جاننى ئالىدۇ:
1. بۇرۇن قاناش: كۆپ مىقداردىكى بۇرۇن قاناش تېز سۈرئەتتە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بۇرۇن قاناش كەينى-كەينىدىن يۈز بەرسە، چوقۇم ۋاقتىدا سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2. ئۆتكۈر كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغى: كېكىردەك قاپقىقى تىل يىلتىزىنىڭ كەينىدە بولۇپ، ياللۇغلىنىپ ئىششىغاندا، نەپەس يولىنى توسۇپ، نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. نەپەس يولىدىكى يات ماددا: ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتۇۋالغان نەرسە نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسە، ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ نەپەس يولىدىكى يات ماددا ھەر يىلى نۇرغۇن ئوماق بالىلارنىڭ بەختكە قارشى ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.