
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تاماكا چېكىدىغان ئادىتى بار، ئادەتتە ئاز بىر قىسىم ئەرلەر بېسىمغا دۇچ كەلگەندە تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، باشقىلار بولسا خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تاماكا چىكىدۇ. ئەلۋەتتە تاماكىنى بۇنداق ئۇزۇن مۇددەت چەككەندە بەدەنگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، تاماكا چەككەندە بەدەننى ئەڭ كۆپ زەخىملىنىدىغان ئورۇن دەل ئۆپكىدۇر.
دائىم تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ھەر كۈنى ئورۇندىن تۇرغاندا بولامدۇ ياكى تاماقتىن بۇرۇن بىرنى تاماقتىن كىيىن بىرنى چېكىدۇ، بۇنداق قىلىش ئىغىر زىيانلىق بولۇپ، تاماكا چېكىشنىمۇ چىكى بولىدۇ.
بەزىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كەيپىياتى تېخى تەڭشەلمەي تۇرۇپلا تاماكا چېكىدۇ، بۇنداقلا تاماكا چېكىش ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئويغانغاندا، چوڭ مېڭە تېخى تولۇق جانلانمىغان، بەدەننىڭ فۇنكسىيىسىمۇ تولۇق ھەرىكەتلەنمىگەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تاماكا چەكسە بەدەنگە ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىر تال تاماكا چەكسىڭىز، بىر ئايدىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقنى بىلەمسىز؟
ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئىقتىدارى تېخى ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي قۇرۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋاقىتتا بەدەن ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر تاماكا چەكسىڭىز تاماكىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا چەككەنگە قارىغاندا زور دەرىجىدە زىيانلىق.
تاماكا چىكىدىغان نۇرغۇن كىشىلەردە يۆتىلىش ۋە بەلغەم كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەلكىم زۇكام سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئەگەر سىزدە زۇكام ياكى كېسەللىك بولمىسا، ئەمما سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولغاندا يۆتەل ۋە بەلغەم كۆپ بولسا، بۇ بەلكىم ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا كانايچە ياللۇغىنىڭ داۋاملاشقىنىغا ئۇزۇن مۇددەت بولغان بولىدۇ.
يەنە كىلىپ ھازىر ئەتىياز يېتىپ كەلدى، ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بولىدۇ، كەچتە ئۇخلىغاندا دېرىزىنى تاقاپ ئۇخلىغاندا ئۆيدىكى كاربون تۆت ئوكسىدى كۆپىيىپ ھاۋا سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا تاماكا چەكسىڭىز ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا بىلەن تاماكا ئىسى بىرلىشىپ، بۇ چاغدىكى تاماكا ئىسىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئاشقازان-ئۈچەي زەھەر تازىلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان قۇرۇق بولۇپ بەزىلەر تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا بىر تال تاماكا چېكىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى چىقىرىپ تاشلاشقا ئۈلگۈرمىگەن توكسىنلار ئاسانلا تاماكا بىلەن ئارىلىشىپ، بەدەندىكى توكسىنلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئېغىر بولغاندا نۇرغۇن كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. دائىم تاماكا چېكىش ئۆپكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۆزىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
شۇڭا ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تاماكىنى بالدۇرراق تاشلاش ئەڭ ياخشى، ئەرلەر ئەڭ ياخشىسى 35 ياشتىن بۇرۇن تاماكا تاشلىسا ئۆپكىسى ئەسلىگە كېلىدۇ. تاماكا تاشلىغاندا بىر قاتار ئىنكاسلار كۆرۈلىشى مۇمكىن. مەسىلەن باش قېيىش، باش ئاغرىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق دىققىتىنى چېچىشى كېرەك، بۇ مەزگىلدە تاماكا تاشلىسا ئۈزۈل-كېسىل تاشلىغىلى بولىدۇ.