
ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، ئومۇمىي سۆڭىكى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.
ئىلگىرى بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ سۆڭەك زىچلىقىنى ئۆلچەش قىممىتى تەكشۈرۈلگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىم تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى 18-46 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا قارىتىپ، پولشا يېزىلىرىدا ياشاۋاتقان 123 ئايالنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى زور مىقداردىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا چېتىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي بەدەن ئۆلچەش قىممىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بەدەن ھەرىكەت ئەندىزىسىنى كۆزىتىپ، سۆڭەك زىچلىقىنى ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق سۆڭەك زىچلىقىنى ئۆلچىگەن. ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئاياللارنىڭ يان بىلەك سۆڭىكى (باش بارماق ئاستىدىكى سۆڭەك)نىڭ سۆڭەك زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.