ساغلاملىق بىلىملىرى

​بەدەندە كالىي كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى

كالىي ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئېلېمېنت بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت تاماق تاللىغانلىقتىن ياكى قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچكەنلىكتىن ياكى ئاساسىي كېسەللىك سەۋەبىدىن بەدەندىكى كالىي ماددىسى ئېقىپ كېتىپ، كالىي ماددىسى نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بەدەندە بۇ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش كېرەك.
ئۇنداقتا بەدەندە كالىي كەملىكىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

042816515766800016061200

1. پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش
كالىي مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنىڭ مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئېلېمېنت بولۇپ، كالىي ئېلېمېنتى كەمچىل بولغاندا بەدەن ئىنكاسى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. شۇڭا پۇت-قوللارنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ، ئىنكاسىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. كالىي ئېلېمېنتى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

042816525773400016061200

2. قورساق كۆپۈپ بىئارام بولۇش، قەۋزىيەت بولۇش
كالىي يېتىشمەسلىكمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلەردە قورساق كۆپۈش، بىئارام بولۇش ياكى ئىشتىھاسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە بەزىلەردە كالىي ئېلېمېنتى يېتىشمىگەنلىكتىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى يېتەرسىز بولۇپ، قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك.

042816534155300016061200

3. يۈرەك رىتىمسىزلىقى
كالىي ئېلېمېنتى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نورمال سوقۇشىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كالىي ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىشىپ، بىماردا دائىم يۈرىكى سېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يۈرەك رېتىمسىزلىقنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەدەندە كالىي كەملىك بۇنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى