
ھەر يىلىنىڭ قىش پەسلى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بىر قەدەر كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل. چۈنكى قىش پەسىلىدە ھاۋا سوغۇق، تېپىراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، بەل قىسىم مۇسكۇللىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش ۋە مۇسكۇل جىددىيلىكى كۆرۈلۈپ، بەل ئۇمۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى قوزغىلىدۇ. سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىنىش تەدبىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىش پەسىلىدە ھاۋا تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئالمىشىشى بىر قەدەر كۆپ، بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم سوغۇقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بولۇپمۇ بويۇن، بەل، گەۋدە قىسىملىرىنىڭ ئىسسىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىش پەسلىدە زۇكام بولۇپ قالغاندا، يۆتەل، چۈشكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە قورساق قىسىمنىڭ بېسىمى ئارتىپ ئاسانلا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، گەۋدە قىسىمدىكى مۇسكۇللارنى چىڭىتىپ، بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا قېلىنراق كىيىنىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، زىيادە بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك قىس پەسلىدە ئادەتتە كىشىلەر بالدۇر ئۇخلاپ كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش ئارقىلىق ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. قىش پەسلىدە زىيادە كۈچلۈك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش، تۇرمۇش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا چەكلەش كېرەك. قىش پەسلىدە ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنمىسا، ياكى دائىم زىيادە ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ياڭچى (阳气) زور مىقداردا سەرپ قىلىنىشى سەۋەبلىك، ئاسانلا بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن سىرت، بەدەنگە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانلىقتۇر.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )