
7 خىل كىشىلەر ئاسانلا سۆڭەڭ شالاڭلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
سۆڭەك شالاڭشىش بولسا كۆپ خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل سۆڭەك كېسەللىكى. كالتسىي بىلەن ئاساسىي ئىلمىنىتلارنىڭ نىسبىتىنىڭ نورمال بولماسلىقى شۇنىڭدەك سۆڭەك ئىچىدىكى توقۇلمىلارنىڭ مىتابولىزىمى ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ. سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك سۆڭەك ئاغرىش، سۇنۇش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ تىپىك ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۆڭەك شالاڭشىشى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلار تۆۋەندىكى يەتتە خىل كىشىلەردۇر:
1.يېقىن تۇغقانلىرى 50 ياشتىن ئىلگىرى ياكى ھەيزدىن توختاشتىن ئىلگىرى سۆڭەك شالاڭشىشغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر.
2.ئۇزۇن مەزگىل مەلۇم خىل خىمىيەلىك دورا ئسىتىمال قىلغانلار
3.ئاق تەنلىكلەر ياكى ئاسىيالىقلار شۇنىڭدەك 50 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار
4.سۈت قەنتىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن سۈت ئىچمەيدىغانلار
5.غىزالىنىشتا تەرتىپسىزلىك كۆرۈلگۈچىلەر
6.ئاياللاردىكى ئادىتى قالايمىقانلار
7.تاماكا چېكىدىغانلار
يۇقىرىقىلار ئاسانلا سۆڭەك شالاڭشىشغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىنىش: بالىلىق دەۋرىدىن ياكى ياشلىق مەزگىلىدىن تارتىپلا ئالدىنى ئېلىش تەييارلىق ئېلىپ بېرىش.
مەسىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، كالتسىي، يۇقىرى فوسفورلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىنىش تەدبىرى: ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا بولۇپمۇ ئاياللار كىلىماكتىرىيە مەزگىلىدە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە قەرەللىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك قوغدىنىش:سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كالتسىي قاتارلىق ماددىلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )