
1. بۆرەك شورپىسى ماتېرىيالى:
يېڭى سويۇلغان قوي سۆڭىكى g500 ، قوي بۆرىكى بىر جۈپ تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى : قوي سۆڭىكىنى پاكىزلاپ،پارچىلاپ ئېزىپ ، قوي بۆرىكى بىلەن بىرگە كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈكلىرنى ئېلىۋېتىپ ،ھۆل زەنجىۋىل ،غول پىياز ، تۇز سېلىپ يەنە 1-2 سائەت قاينىتىلىدۇ، شورپىسى قويۇلغاندا ئوتنى ئۆچۇرۇپ ، شورپىنى ئىچىپ بۆرەكنى يېسە بولىدۇ .
رولى :بۆرەك ۋە ئۇستىخاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، پەينى چىڭىتىدۇ، كالتسىي تولۇقلايدۇ، ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالايدۇ، ياشانغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بەل- پۇت ئاغرىقى، سۇنۇق،پۇت-قول ئىسسىماسلىق، باش قېيىپ، قۇلاق غوڭۇلداش ، كېچىسى كۆپ سىيىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ.
2. قۇشقاچ گۆشى ئۇمىچى ماتېرىيالى :
قۇشقاچ گۆشى 5 دانە ، ئالقات g5،چىلان 10 دانە ، گۈرۈچ g 100، زەنجۋىل پىياز،تۇزلار مۇۋاپىق مىقداردا . تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى : تازىلانغان قۇشقاچ گۆشىنى ئالقات ، چىلان گۈرۈچ بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ ، ئۇماچ قىلىپ ، زەنجىۋىل ، پىياز ، تۇز سېلىپ يەنە بىر قېتىم ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئەتىگەن كەچتە 2 گە بۆلۈپ ئىلمان ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇدا 30 كۈن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )