تاشقى كېسەللىكلەر

بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

تونۇش :ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئومۇرتقا تېنى ئۆسۈپ ،ئومۇرتقا ئارىلىق نېرۋىلىرى ۋە قان تومۇرلىرى بېسىمغا ئۇچراپ ،كىلېنكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ،بېسىلىش سېزىمى بولۇش ، ھەرىكىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراش ،پۇتلار نىڭ سېزىمى سۇس بولۇش ، ئۇيۇشۇش ،پۇتىنى كۆتۈرۈش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سېزىمى بولۇش ،ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكىدىن ئىبارەت .
دىياگنوز ئاساسى
1) تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھەسى ئاغرىش ، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش ، تۆۋەنكى مۆچە سىرقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بولۇش .
2) سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن.
ئالامىتى : كېسەل باشلانغاندا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش كۆرۈلۈپ كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجىي كۈچىيىپ تۆۋەنكى مۆچىلەرگە تارقىلىدۇ، ھەرىكىتى يېنىك دەرىجىدە قىيىنلىشىش بولىدۇ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىرقىراپ ياكى يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئەھۋالى بولۇپ ئېغىرلاشقاندا تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ مۇسكۇلى يىگلەش ، سېزىمى تۆۋەنلەش ، ھەرىكىتى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
دەرىجىگە بۆلۈنۈشى :
1 .يېنىك دەرىجىدە : بەل ئاغرىش ، ئاغرىق تۆۋەنكى مۆچىگە تارقالمايدۇ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا يېنىك دەرىجىدە ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش .
2.ئوتتۇرھال دەرىجە : بەل ئاغرىش ، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىرقىراپ ئاغرىش بولۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا نىسبەتەن چوڭ ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش .
3. ئېغىر دەرىجىدە :بەل ئاغرىش ، تۆۋەنكى مۆچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ،ئېغىر دەرىجىدە ھەرىكىتى قىيىنلشىش بولۇپ ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش .
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
2.قايسى خىل غەيرى تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ – مۇسھىلى بېرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .
3.ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
4.فىزىكىلق داۋالاش يەنى بەلدىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانجىش ، لوڭقا قويۇش قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىدۇ .
5.رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى :
1.بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 80 – 100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ بىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 50 – 100 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
2.سەۋادا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 80 – 100 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 50 – 100 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
3.بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىسىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بوزىيدان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن، ھەرقېتىمدا 80 – 100 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ . ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىسىغا بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 50 – 100 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
4. ياللۇغ قايتۇرۇپ ، ئاغرىق توختىتىش، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلەش ئۈچۈن – كاپسۇلى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 3 – 5 دانىغىچە ، مەجۈنى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، قۇرسى يەھيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، مەخسۇس مەجۈنى چۆبىچىن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ، زىماتى سۈرۈنجاننى گۈل مېيى بىلەن مەلھەم قىلىپ بەل ئومۇرتقا ساھەسىگە سىرتىدىن تېڭىلىدۇ .
5.فىزىكىلىق داۋالاش : 15 كۈننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلىپ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە بىمارنىڭ ئەمەلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچتىن بەش كۇرۇسقىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
نېرىپلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاشۇرۇش ۋە ئۆتكۈنچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ ئېلاستىكلىقىنى ياخشىلاش، سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلەش ئۇۋۇلاپ داۋالاش ، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ، لوڭقا قويۇش ۋە لوڭقا سېرىپ داۋالاش، دورىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ، ھوردىتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
6. رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ھەزىم قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ‹‹ داۋائىل مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 5-3 دانىغىچە ، ئەبرىشىم جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا بىر بولاقتىن ، شىپائى قەلب كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى ھەرقېتىمدا بىر ئامپۇلدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە ، ھالۋائى بەيزە كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 10 – 7 گىرامغىچە ، مەجۈنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 5-7دانىغىچە ، مائۇل ھەسەل مۇرەككەپ شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا ml 100دىن ›› قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك –ئىچمەكلەرنى كۆپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتىن، زىيادە ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك .
داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بېرىش ئۆلچىمى :
1)ساقىيىش ئۆلچىمى : بالنىستقا كىرگەندىكى بارلىق كېسەللىك ئالامىتى تولۇق يوقالغان ، بەل ئومۇرتقا ھەرىكىتى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن بولسا .
2)ياخشىلىنىش ئۆلچىمى : بالنىستقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىدىن بەل ئومۇرتقا ساھەسىدىكى ۋە تۆۋەنكى مۆچىلەر ئاغرىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسا .
3)ساقايماسلىق ئۆلچىمى : بالنىستقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش تۇرغان بولسا .

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى