
زورۇقۇش. ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغاندا ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ستاتستىكىغا ئاساسلانغاندا، 30 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، بېشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئىكەن.
بويۇن سىرتقى زەخمىسى. %50 يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى بويۇننىڭ سىرتقى زەخمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر قىسىم بىمارلار بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭىكى ئۆسۈپ قېلىش، بويۇن ئومۇرتقا ئارقىلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىش، ئومۇرتقا نەيچىسىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ كېسەل ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بويۇن نەيچىسى كىرتىك تارىيىش ھالىتىدە تۇرۇش ۋە بويۇن سىرتقى زەخمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ.
ناچار قىياپەت. مەسىلەن، يېتىپ تۇرۇپ تېلۋىزورياكى كىتاب كۆرۈش، ياستۇقنى ئېگىز قويىۋېلىش، ئولتۇرۇپ ئۇخلاش قاتارلىقلار.
سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش. ئاساسلىقى كېكىردەك، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئۇنىڭىدىن باشقا چىش مىلىكى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قاتارلىقلار. بۇ ئورۇنلاردىكى ياللۇغلار بويۇندىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنى ياكى لېمفا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ گەژگىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلاردا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېكىردەك، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى قوزغىتىشتىكى ئاساسلىق ئامىل.
شامال، سوغۇق، نەملىك ئامىلى. شامال، سوغۇق، نەملىك ئامىللىرى ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتۋېتىپ، مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش، كېچىك قان تومۇرلار تارىيىپ كېتىش،لېمفانىڭ تەتۈرسىگە ئېقىشى ئاستىلاش، يۇمشاق توقۇلمىلاردىكى قانلارنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، مىكروبسىز ياللۇغىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقا قۇرۇلمىسى ياخشى يېتىلمەسلىك. توغما خاراكتېرلىك كىچىك ئومۇرتقا نەيچىسى، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بەزى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ستاتستكىغا ئاساسلانغاندا، 40 – 50 ياشىلىق كىشىلەردە بويۇن ئومۇرتقىسى چېكىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىش بولغانلار %25، 55 ياشتىن ئاشقانلاردا %85.5 نى ئىگىلىگەن.
بويۇن ئومۇرتقا مەركىزى نەيچىسى، نېرۋا يىلتىزى نەيچىسى كىچىكلەپ، تارىيىپ كەتكەنلەردە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )