پىسخېكا بىلىملىرى

ئادەم نېمە ئۈچۈن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

جوڭگۇلۇقلار كوچىسىدىكى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىرقى جەمئىيەت بارغانسېرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئۇچرايدىغان بېسىممۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. بۇ بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە بەزىلەر ئۇنى ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىشنى تاللايدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەر ئۇنى كۆڭلىدە ساقلاشنى تاللاپ دېيىشنى خالىمايدۇ. بۇ بېسىملار يۈرەككە يىغىلىپ، پىسخىكىغا ئاسانلا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. بىر كۈنى بەرداشلىق بېرەلمىگەندە پارتلاش يۈز بېرىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋال.

051201042382200010725664

خامۇشلۇق كېسىلى دەل مۇشۇنداق بېسىم ئاستىدا ئەڭ ئاسان پەيدا بولىدىغان بىر خىل پىسخىكىلىق كېسەللىك. دەسلەپتە كەيپىياتى بىر قەدەر چۈشكۈن بولۇپ، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، ئاستا ـ ئاستا ئاسانلا چېكىدىن ئاشقان خىياللار پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەلكىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، خامۇشلۇق كېسىلى نېرۋا كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتىكى بىر كىچىك ئىشمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن بۇنداق كەيپىيات بىر كۈندىلا پەيدا بولمايدۇ، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۇزۇن ۋاقىتلىق بېسىم يىغىلىپ، مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان قىلمىش كېلىپ چىقىدۇ.

051201091594500010725664

ئۇنداقتا خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قانداق ئورتاقلىقلىرى بار؟

ئەڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىك شۇكى خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى دائىم سەلبىي كەيپىيات ئىچىدە تۇرىدۇ. مەيلى قانداق خۇشال ئىشلارغا يولۇقسۇن، ھەممىسىنى مەنىسىز ھېس قىلىدۇ. ئىشلارغا مۇئامىلە قىلغاندا ئادەتتە يامان تەرەپكە ئويلايدۇ. دوستلار ئارا ئاندا-ساندا چاقچاق قىلىپ قويۇش ئەسلىدە ئىنتايىن نورمال بىر ئىش ئىدى. بىراق خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى باشقىلار ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، گەرچە يۈزەكى جەھەتتىن دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە ئاسانلا قالايمىقان خىياللارنى قىلىپ، كەيپىياتىنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

بۇ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا قەتئىي ئىشەنمەيدۇ، بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ئۆزىنى ئىنكار قىلىشقا باشلايدۇ. دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز گېپى شۇكى: «ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، مەن راستتىنلا يارىماس ئىكەنمەن». ھەممە خاتالىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزىنى تېخىمۇ كەمسىتىدۇ، خامۇشلۇق ئەھۋالىمۇ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

051201232464100010725664

بۇنىڭدىن باشقا، خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى يەنە بۇ دۇنياغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇلار ھېچقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تۇرمۇشقا نىسبەتەن نىشانى يوق. «نېمىدېگەن زېرىكىشلىك» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ئىنتايىن مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، «ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى» دەپ قارايدۇ. دۇنيادىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا پەسەيمىسە، ئۇنداقتا تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

051201433639700010725664

خامۇشلۇق كېسىلىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

بىرىنچىدىن، خامۇشلۇق كېسىلىمۇ پەقەت بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىش ئارقىلىق پەسەيتىش ۋە كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى يۇقىرى قان بېسىمى، قان قەنتى يۇقىرى بىمارلارغا ئوخشاش تۇرمۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش، نېمە يېسە كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش، يەنە قەرەللىك ھالدا دورا ئىچىش كېرەك. دورا توختاپ قالسا، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خامۇشلۇق كېسىلىمۇ شۇنداق، گەرچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمەي، دورىغا تايىنىپ پەسەيتىشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنى روھىي كېسەل دەپ قاراشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

051201541054000010725664

ئىككىنچىدىن ئۆزىنى توغرا تونۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. ئۆزىڭىزنى ھەمىشە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىدا قويماڭ، دائىم ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلىۋەتمەڭ. ئۆزىمىزنى توغرا تونۇشنى، ئۆزىمىزنى كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە بىر نىشان كۆرسىتىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى