
10گرام زىغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
2. ئىككى گىرام پىندۇق مېغىزىنى ئېزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئېستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
3. 18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ.
4. 16 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.
5. پالەكنى سېرىقمايدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل، گال ۋە كۆكرەك يىرىڭلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەش گىرام شېكەر قومۇشنى 120 گىرام ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. بالىلارنىڭ يۆتىلى ئۈچۈن بەدىيان كۆكى سۈيىنى ئانار ياكى ئېشەك سۈتى بىلەن بىر ئىچكۈزسە، ناھايىتى ياخشى شىپا بولىدۇ.
8. 15دانە ئۇرۇقسىز ئۈزۈمنى بەش گىرام سەۋسەن بىلەن ئىستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
9. 10 گىرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
10. كېۋەز يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن 12 گىرام ئېلىپ، قەنت بىلەن ئىچسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
– <<شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى>> 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )