
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل
تونۇش
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل-ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنىكىدا،يۆتىلىش،يۇز كۆزلىرى قىزىرىش،ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش ھاۋاسى ئىسسىق جايلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەپەس يوللىرى خۇسۇسەن كاناي شاخچىلىرى ۋە ئۇششاق شاخچىلارغا تەسىر قىلىپ يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى
ئىچكى ئەزاسى قىزرىىپ ئېچىشش،ئۇسسۇلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، سوغۇق ھاۋادىن راھەتلىنىدۇ. ئاغرىشتىن ئىلگىرى ئىسسىقلىق يۇقىرى تاماق ياكى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ. تومۇرى چوڭ-كۈچلۈك سوقىدۇ.يۈزى قىزىل كۆرۈنىدۇ.
داۋالاش پىرىسنسىپى
ھارارەت پەسەيتىپ ماددىنى تەڭشەش،يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )