شىپالىق رېتسىپلار

ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر

ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر
ئۆپكە پۈتۈن چاڭ توزان مىكروبلارنى سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئۆپكىنى ئاسىرا ش ئىنتايىن مۇھىم ، تۆۋەندە ئۆپكىنى ئاسىرايىدىغان ، ئۆپكىگە پايدىلىق بولغان بىرقانچە يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز،
1. نەشپۈت
نەشپۈت بولسا يېيىشلىك ھەم سۇلۇق، تەركىبىدە %85 سۇ بار، تاتلىق چۈچۈمەل تەملىك، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىن ۋە كالتسىي، سىنك، تۈمۈر، يود قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار ، شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن مېۋىلەرنىڭ بىرى، كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق ، نەملىك مىقدارى تۆۋەن، ئەگەر ھەر كۈنى بىر تال نەشپۈت يېيشىنى داۋاملاشتۇرغاندا قۇرۇق ئىسسىقنى بېسىپ ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. ئەڭ ياخشى يېيىش ئۇسۇلى؛ نەشپۈت ئىستېمال قىلغاندا نەپەسلىنىش ئەزالىرى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان گال قۇرغاق بولۇش، قىچىشىش، ئاغرىش ، ئاۋاز غاراڭ- غۇرۇڭ چىقىش ، قەۋزىيەت ، قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەگەر ناۋات بىلەن نەشپۈتنى بىللە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، بەلغەمنى يوقىتىپ ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا شامالدارىش ، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ پايدىلىق. يەنە نەشپۈتنى ھەسەل بىلە بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، يەنە بىرسىگە ئۆرۈك مېغىزى بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئۇيقىنى ياخشىلاپ، گال قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. خاسىڭ.
خاسىڭ بولسا مۆتىدىل ، تەملىك، تالغا ماس كېلىدۇ، ئۆپكىنى تازىلايدۇ، تال ، ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىنى ياخشى قىلىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ ، بەلغەمنى يوقىتىدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، قاننى تازىلايدۇ، تېرىدىكى داغلارنى يوقىتىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار سۈت ئاز بۇلۇش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ. ئەڭ ياخشى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ؛ خاسىڭنى ئەڭ ياخشىسى بىر سۇدا پىشۇرۋېتىپ يېگەن ياخشى، پىشقان خاسىڭنى يېگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. خاسىڭنىڭ ئۈستىدىكى پوستى بولسا تالالىق ئاقسىلنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى توسايدۇ، قان پىلازمىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە قان پىلازمىسى ئاز بۇلۇش، كۆپ قان چىقىپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، خاسىڭنى ئەڭ ياخشىسى قىزىل چىلان بىلەن بىللكە ئىستېمال قىلغاندا تالنى قۇۋۋەتلەپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان توختىتىش، قان ئازلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.گۈلسامساق شوۋىگۈرۈچى.
گۈلسامساقنىڭ تەمى ياخشى بىرئاز قىرتاق ، مۆتىدىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول، تەركىبىدە ئاقسىل، ۋېتامىن، كاروتىن قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، گۈل سامساق بولسا ئۆپكىنى سىلىقلاپ ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى گۈل سامساقنى شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ، ھەم ئۇيقىنىمۇ ياخشىلايدۇ.
4.پېچەكگۈل . پىچەكگۈلنىڭ “ پەرىزاتلارنىڭ يېمەكلىكى “ دېگەن نامى بار ، يەنە “ دورىلىق ئۆسۈملۈك “ دېگەن نامىمۇ بار، پېچەكگۈل تەركىبىدە كىراخمال ئېنزىمى ، پوللىفىنول ئوسىدازا قاتارلىق تەركىبلەردىن تەركىب تاپقان، بۇ ئېلىمىنىتلار تالنى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، پېچەكگۈل تەركىبىدە يەنە يېپىشقاق ئاقسىل ، ۋېتامىن، مىكرو ئېلىمىنىتلار بار بولۇپ قاندا ماي ئارتىش ، قان يېپىشقاقلىق يۇقىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى