ساغلاملىق بىلىملىرى

مېڭىنى چېنىقتۇرىدىغان قول ھەرىكەتلىرى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېڭە بىلەن قولنىڭ زىچ ماسلىشىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت.، قولنىڭ چاققانلىق دەرىجىسى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنىڭ بىر خىل بەلگىسى. ئىككى قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، 10 بارماقنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەرىكەتلەندۈرۈش، بولۇپمۇ باش بارماقنى نۇقتىلىق چېنىقتۇرۇش كېرەك، بۇ ئارقىلىق مېڭە كۈچىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت خىل قولنى تاۋلاپ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ:

051422310881500010953168

1. ساز چېلىش

ساز چېلىش ناھايىتى ياخشى بارماق ھەرىكىتى بولۇپ، ئىككى قول، بولۇپمۇ بارماق ئورتاق ھەرىكەت قىلىدۇ، كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە تېگىش سېزىمىنىڭ ھەممىسى ساز چېلىش جەريانىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن ئورگانىزمنى ئاكتىپ ماسلىشىش ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

051422311726900010953168

2. بارماقنى يەرگە تىرەش

يەنى يەر بېغىرلاشنى بارماق بىلەن تىرەشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. تىرىگەندە كۈچەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى، باش بارماقنىڭ كۈچى ۋە ئاجىز بارماقلارنىڭ كۈچى بىلەن تىرەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ياشلارغا ماس كېلىدۇ، ئۈنۈمى ياخشى. لېكىن تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، لايىقىدا بولۇشى كېرەك. ياشانغانلار تامغا قاراپ بارمىقى بىلەن تامنى تىرەپ تۇرسىمۇ بولىدۇ.

0515192620541000000000000153

3 .مۇشتنى تۈگۈش

ئەقلىي ئەمگەك سەۋەبىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا ئىككى قولدا مۇشتنى تۈگۈش، ئاندىن بارماقنى كۈچەپ ئېچىشنى كۆپ قېتىم تەكرارلاش كېرەك. بۇ ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ چارچاشنى تەڭشەيدىغان چاغدىكى مېڭە ئويغىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ.

051422314262200010953168

4 .توپ مەشىقى

ئىككى قولنىڭ بارمىقى بىلەن ئالىقاندىكى توپنى توختىماي ئايلاندۇرغاندا ئالىقاندىكى ھەر قايسى پەللىلەرنى غىدىقلاپ، نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى