خانىم قىزلار

زادى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاياللار ئوغۇل تۇغىدۇ؟

 

زادى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاياللار ئوغۇل تۇغىدۇ؟ تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان تۆت خىل ئاياللارنى مىسالغا ئالىمىز:

1. ئېرى دائىم ھەمراھ بولىدىغان ئاياللار

تېببىي ئالىملار 86 مىڭ ئايالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، بالا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىللە ياشىسا ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى ئەر-خوتۇن ئايرىلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭكىدىن %14 يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە توي قىلماي تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىچىدە قىز بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى ئوغۇل بوۋاقلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

051416200072400017234601

2. دائىم دانلىق زىرائەت يەيدىغان ئاياللار

دائىم دانلىق زىرائەت يېيىش بىلەن ئاسان ئوغۇل پەرزەنتكە ھامىلىدار بولۇشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ چۈنكى دائىم دانلىق زىرائەت يېگەندە ئاياللار بەدىنى ئىشقارلىققا ئىگە بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشقارلىق بەدەن Y ئىسپېرمىنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، كىسلاتالىق بەدەن X ئىسپېرمىنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن دانلىق زىرائەتنى دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.

3. ئەرلەرگە خاس كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار

گەرچە كەسىپنىڭ جىنس ئايرىمىسى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى كەسىپلەرنى كىشىلەر ئاڭلىغان ھامان ئۇنى ئەرلەرنىڭ شۇغۇللىنىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئەرلەرگە خاس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار ئوغۇللارغا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى بۇ ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئوغۇللارغا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

051416291159800017234601

4. ئالغا ئىنتىلىش روھى بار ئاياللار

ئوخشاشلا ئالغا ئىنتىلىشچان ئاياللارمۇ مىجەزى مۇلايىم، قانائەتچان ئاياللارغا قارىغاندا ئاسانلا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولىدۇ. بۇمۇ بۇ تۈردىكى ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كۆزىتىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكىلاش ئارقىلىق دېيىلىشىچە، بالىلارنىڭ جىنسى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئادەمنىڭ ئەكسىچە بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن. دېمەك ئانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا، ئادەتتە بالا ئوغۇل بولىدىكەن. دادىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا، بالا قىز بولىدىكەن. بۇ تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەم ئۆز-ئۆزىنى تاللاش ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ نەتىجىسىدۇر.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى