بالىلار ساغلاملىقى

بالىنىڭ بۇرۇنى قاناش سەۋەبىنى بۇ بەش تەرەپتىن ئىزدەڭ

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەر بىر ئائىلە باشلىقى بالىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، بالىسىنىڭ خۇشال-خۇرام، ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلغان تەقدىردىمۇ، بالىنىڭ بەدىنىدە بەزى كىچىك ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇرۇنى قاناش ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئانىلار ناھايىتى قورقىدۇ، ئ‍ۇنداقتا بالىنىڭ بۇرۇنى قاناشنىڭ سەۋەبى قايسىلار؟

051415493130600010945131

1. قۇرغاق ھاۋا
كىچىك بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ھاۋا قۇرغاق ھالەتتە تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا كىچىك بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرغاقلىشىپ قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

051415493742400010945131

2. زەخىملىنىش
كۆپ ساندىكى بالىلار ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولۇپ، يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ بۇرنىغا بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتىمۇ بۇرۇن قانايدۇ.

051415494337500010945131

3. بۇرۇننى كوچىلاش
بۇرۇنى بىئارام بولغاندا كۆپ ساندىكى بالىلار قولى بىلەن بۇرۇنىنى كوچىلايدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ تىرنىقى ئۇزۇن بولسا، ئاجىز بۇرۇن شىللىق پەردىسى زەخىملىنىپ، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

051415494958900010945131

4. زىيادە سېزىمچانلىق
سوغۇق، قۇرغاق ھاۋادا بۇرۇن شىللىق پەردىسى تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ، سەللا دىققەت قىلمىسا قان ئاقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى كىچىك بالىنىڭ بۇرۇنى قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

051415495864300010945131

5. كېسەللىك
بەزى كېسەللىكلەرمۇ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور بىنورمال بولۇش، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئۆسمە قاتارلىقلار. ئەگەر بالىنىڭ بۇرۇنى دائىم سەۋەبسىز قاناپ كەتسە، ئۇنداقتا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.

051415531491600010945131

قانداق قىلغاندا بالىنىڭ بۇرۇنى قانىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1. بۇرۇننىڭ نەملىكىنى ساقلاش

ئ‍ەگەر بوۋاقلار دائىم قۇرغاقلىقتىن بۇرۇنى قاناپ كەتسە، ئۇنداقتا ۋىتامىن B ياكى ۋىتامىن C تابېلىتىنى سىقىپ بۇرۇن بوشلۇقىغا سۈركەپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى نەمدەش كېرەك.

051415530883900010945131

2. سۇنى كۆپ ئىچىش، تاماق تاللىماسلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
بەدەندە سۇ ياكى ۋىتامىن كەمچىل بولسا، بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرغاقلىشىپ قاناش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا بالىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش، تاماق تاللىماسلىقتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، ئىمكانقەدەر يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك.

051415502025600010945131

3. بالىلارنىڭ بۇرۇنىنى كوچىلىشىنى توسۇپ، سىرتقى زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
بالىنىڭ بۇرۇنى بىئارام بولۇپ، بۇرۇنىنى كوچىلىغاندا، بالىغا نەسىھەت قىلىپ، تىرناقنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇنغا نەرسىلەرنىڭ تېگىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سىرتقى زەخمە سەۋەبىدىن بۇرۇندىن قان چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى