
5ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى ئېلىمىزنىڭ 28ـ قېتىملىق «يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «يودنى ئىلمىي تولۇقلاپ، بىر ئۆمۈر ساغلام بولۇش».
يود ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنت، قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى بىرىكتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەگەر ئادەم بەدىنىدە يود كەمچىل بولسا، يود كەملىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، يەرلىك خاراكتېرلىك قالقانسىمان بەز ئىششىقى، ھامىلىدار ئاياللاردا يود كەمچىل بولسا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ئۆلۈك تۇغۇش ۋە تۇغما غەيرىي تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەڭ ئاددىي، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىشتۇر، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تۇزنى تاللاپ سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.